مۇسۇلمانلار

تۇغمىدىم، قانداق قىلىمەن؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن توي قىلغىلى 3 يىل بولغانتى. تۇغمىغاچقا، بۇ يىل روزىدا شەكىل پۈتتۈرۈپ يىسە بولىدىكەن دەپ، گۈلى يوق ئاق چىنە لېگەنگە شەكىل پۈتتۈرۈپ چايقاپ ئىچكەن ئىدىم. ئۇ ئايەتلەرنى 7 بۆلەك قىلىپ يېزىپتىكەن. 4 بۆلەكتىكى چايقاپ ئىچىپ بولغان. يەنە 3 بۆلەك بار ئىدى . ئۇنى ئىچىمەنمۇ ياكى ….. ئىچمىسەم، ئۇنى چايقاپ تۆكۈۋەتسەم بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قۇرئان كەرىم سۇغا چىلاپ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇپ ئەمىر ـ پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش، ۋەز ـ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر!
سىزگە ئىچىشىڭىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى يېزىپ بەرگەنلەر، يازدۇرۇپ بەرگەنلەر ۋە سىز ئوخشاشلا گۇناھكار بولىسىلەر. ھەممىڭىلارنىڭ تەۋبە قىلىشىڭلار كېرەك!
ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھى پەقەتلا ئاللاھدۇر. ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئوغۇل ـ قىز ئارىلاش پەرزەتلەر ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر» ـ شۇرا سۈرىسى 49 ـ ۋە 50 ـ ئايەتلەر (تەرجىمىسى).
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن سىز تۇغمىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ۋە ئېرىڭىزنى دوختۇرغا بىر تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا داۋالىنىشىڭلار لازىم ئىدى.
شۇنداق قىلىپمۇ پەرزەت يۈزى كۆرەلمىسەڭلار، ئاللاھ مېنى ياكى ئېرىمنى تۇغماس ياراتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەقدىرگە تەن بېرىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇشىڭلار كېرەك ئىدى.
ئاللاھ ھەر ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن سەۋەپ قويغان. بالا يۈزى كۆرۈشنىڭ سەۋەبى ئايەتنى چايقاپ ئىچىش ئەمەس، نىكاھلىنىشتۇر. نىكاھلىنىپمۇ يەنە ھامىلىدارلىق ھاسىل بولمىسا، ئۇنىڭغا بىر نەرسە توسالغۇ بولغان بولىدۇ. بۇ توسالغۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرىدىكى كېسەللىكتۇر. بۇنى ئاللاھقا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە داۋالاش ئارقىلىق يوقىتىش مۇمكىن.
ھامىلىدارلىق يەنىلا ھاسىل بولمىسا، سەۋر قىلىشتىن باشقا چارە يوق. چۈنكى « ئاللاھ خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ،خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئوغۇل ـ قىزئارىلاش پەرزەتلەر ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر»..

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر