مۇسۇلمانلار

قانداق تەۋبىكارنىڭ گۇناھى ئەپۇ قىلىنىدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئاللاھ تەئالا مەيلى كاپىرلىقتىن ۋە مۇشرىكلىقتىن تەۋبە قىلغانلار بولسۇن، مەيلى گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن، تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلىپ توغرا يولدىن ئايرىلمىغانلارنى چوقۇم ئەپۇ قىلىمەن» (تاھا سۈرىسى 82 – ئايەت).

بۇ ئايەت كاپىرلىقتىن ۋە مۇشرىكلىقتىن يېنىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتلەر بولسا، گۇناھكار مۇئمىنلار تەۋبە قىلسا، ئىلگىرى گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ گۇناھلارنىڭ ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

«ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر» (نۇر سۈرىسى 31 – ئايەت).

«ئى مۆمىنلەر ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، رەببىڭلار گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن…» (تەھرىم سۈرىسى 8 ئايەت).

«مېھرىبان ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،

قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.

تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەسنا؛ ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر» (فۇرقان سۈرىسى 68 – 70).

بۇ يەردە شۇنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم: تەۋبىنىڭ، شەرتلىرىگە ئۇيغۇن قىلىنىشى كېرەك. ئەكسى تەقدىردە تەۋبە قىلغۇچى يۇقىرىدىكى ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. تەۋبىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:

تەۋبە (توۋا) نىڭ مەنىسى، قىلىمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى قايتا قىلماسلىق ئۈچۈن ئاللاھقا ۋەدە بېرىش دېگەن بولىدۇ. بۇ ۋەدىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بىرقانچە شەرت بار:

1 -سەكراتقا چۈشۈپ قالماستىن تەۋبە قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ‹ئەمدى تەۋبە قىلدىم› دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز مانا مۇشۇنداقلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق» (نىسا سۈرىسى 18 – ئايەت).

2 – ئىخلاس، يەنى تەۋبىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئاللاھقا قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، دوختۇر چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن بىر يامان ئىشنى قىلمىغان كىشى تەۋبە قىلغان بولمايدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 146 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

3 – گۇناھدىن تامامەن قول ئۈزۈش، چۈنكى تەۋبىنىڭ مەنىسى گۇناھ قىلىشتىن يېنىشتۇر. گۇناھ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشى گۇناھ قىلىشتىن يانمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا تەۋبە قىلمىغان بولىدۇ.

4 – ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، چۈنكى تەۋبە گۇناھ ئۈچۈن قىلىنىدۇ. بۇ، تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى بىلىشىنى يەنى ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

5 – قىلغان گۇناھقا پۇشايمان قىلماق، چۈنكى پۇشايمانسىز تەۋبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ بىر ئەركانىدۇر.

6 – ئەگەر ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ، ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنى قىلىنغان گۇناھ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ بولسا، ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك، مەنىۋى ھەقلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىش ياكى زىياننى تۆلەش ۋە رازىلىشىش كېرەك.

7 – قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاش، چۈنكى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن گۇناھنى يەنە ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن قىلىنغان تەۋبە، تەۋبە ھېسابلانمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر