مۇسۇلمانلار

ئۆشرىسىنى قانداق ئايرىيدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئاللاھ تەئالا ئەنئام سۈرىسىنىڭ 141 ـ ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانىلىرى بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، رەڭگى بىلەن شەكلى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان، لېكىن تەمى ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى ياراتتى، پىشقاندا ئۇلارنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ھوسۇلىنى يىغقان كۈندە ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ» (ئەنئام سۈرىسى 141 ـ ئايەتنىڭ تەرجىمىسى).

بۇ ئايەتنىڭ: «پىشقاندا ئۇلارنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، مېۋىنىڭ ھوسۇلىنى يىغقان كۈندە ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى، باغ، خورما، زىرائەت، زەيتۇن ۋە ئانار قاتارلىق نەرسىلەر زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن زىكىر قىلىنىدۇ.

بۇ يەردە «مېۋە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «سەمەر» دۇر. سەمەر كەلىمىسى، بۇ ئايەتتە باشتا زىكىر قىلىنغان «باغ، خورما، زىرائەت، زەيتۇن، ئانار» قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ پىشىپ ئىستېمال قىلىنغۇدەك بولغان چاغدىكى ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئايەتنىڭ بۇ قىسمىدىكى: «پىشقاندا»، «مېۋىسىدىن»، «ھوسۇلىنى»، «ئۆشرىسىنى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلمىلەردىكى زەمىرلەر (ئالماشلار) ئايەتنىڭ بېشىدىكى ««باغ، خورما، زىرائەت، زەيتۇن، ئانار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نىڭ مەنىسى شۇ: «باغ، خورما، زىرائەت، زەيتۇن، ئانار» قاتارلىق نەرسىلەر پىشىپ يېگىلى بولغۇدەك بولغان كۈندە ئىككى ئىش قىلىنىدۇ؛ بىرى ئۇ نەرسىلەر ئېتىزلىقتىن يىغىلىدۇ، يەنە بىرى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆشرىسى ئايرىلىدۇ. يېگىلى بولغۇدەك بولغان ۋە يىغىلىدىغان نەرسە نېمە بولسا، ئۆشرىسى ئايرىلىدىغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز ئەينىسىدۇر.

ئەگەر زىراتكە كەتكەن چىقىم ئايرىۋېتىلىپ ئاندىن قالغان قىسمىغا ئۆشرە ئايرىلسا، بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ تەقدىردە ئۆشرىسى ئايرىلغان ھوسۇل، ئېتىزلىقتىن يىغىلغان ھوسۇلنىڭ ئۆز ئەينىسى بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئۇ قېرىندىشىڭىز دەرھال تەۋبە قىلىشى ۋە قوناق ساتقان 6000 يۈەن پۇلنىڭ ئوننىڭ بىرىنى ئايرىپ تېگىشلىك يەرلەرگە بېرىۋېتىشى لازىم! چۈنكى ئۇ، ئۆشرىنى كېچىكتۈرۈش گۇناھى ئۆتكۈزۈپتۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر