مۇسۇلمانلار

بالىنى كىم باقىدۇ؟ ئايالنىڭ ھەققى نېمە؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

1 – سوئالنىڭ جاۋابى:

ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر – خوتۇنلارنىڭ بالىسى كېچىك بولۇپ تېخى سۈت ئېمىدىغان ياشتا بولسا، تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە بېقىلىشى كېرەك:

«ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ، ئېمىتىشنى تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئانىلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ۋە كىيىم- كېچىكى بالىنىڭ دادىسىغا ئائىتتۇر. ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن، دادىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن. مىراسچىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئانا ۋە دادا ئۆزئارا كېڭىشىپ ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن بالىنى ئىككى يىل توشماستىن ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، ئىككىلىسىگە بىر گۇناھ يوقتۇر. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، بېرىدىغىنىڭلارنى مەرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تاپشۇرساڭلار، بۇنىڭدا سىلەرگە بىر گۇناھ يوقتۇر. اللەدىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، اللە پۈتكۈل قىلىمىشىڭلارنى كۆرۈپ تورىدۇ» – (بەقەرە سۈرىسى 233- ئايەت).

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن، بالىنىڭ ياخشى بېقىلىشى ۋە ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئاتا – ئانىسىنىڭ قولىدىن كەلگەن پىداكارلىقنى كۆرسىتىشىنىڭ لازىملىقى ۋە بالا توغرۇلۇق ھەر قارارنى ئاتا ـ ئانىنىڭ بىرلىكتە مەسلەھەتلىشىپ ئېلىشلىرىنىڭ لازىملىقى چىقىدۇ. چۈنكى بالا ھەر ئىككىلىسىنىڭدۇر.

2 – سوئالنىڭ جاۋابى:

بۇ توغرۇلۇق دىنىمىزدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ھۆكۈم بار:

1 ـ ئۇ ئايال تالاق قىلىنغاندىن كېيىن شۇ ئەرنىڭ ئۆيىدە يەنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئۆيىدە ئىددىتى توشقۇچە ئولتۇرىدۇ. ئىددىتى چىقىپ بولغۇچە ئۇ ئەرنىڭ ئۇ ئايالنى ئۆيىدىن چىرىۋېتىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر؛ ئايالنىڭمۇ چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەرنىڭ ئايالنىڭ ئىددىتىنى سانىشى، ئايالنىڭ ئىددىتى توغرۇلۇق ئۇ ئەرگە توغرا مەلۇمات بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. بەلكىدە بۇ زامان ئىچىدە ئەر نىيىتىدىن يېنىشى مۇمكىن. بۇ ئەسنادا بۇ ئايالنىڭ پۈتكۈل چىقىمىنى شۇ ئەرنىڭ قىلىپ بېرىشى كېرەك.

تالاق سۈرىسى (65 ـ سۈرە) نى (تەرجىمىسىنى) 1 ـ ئايەتتىن 3 ـ ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەرنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقسىڭىز، مانا ھۆكۈملەرنى ئېنىق كۆرىسىز.

2 – شەرىئەت، تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتىنى توشقۇزۇپ ئېرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىدىغان چېغىدا، ئەرنىڭ بۇ ئايالغا بېرىشىكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى شۇلار ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان جاينىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىنىڭ بەلگىلىشىگە تاپشۇرىدۇ .

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

1 – «ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىددەت مۇددەتلىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا بارسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇپ قېلىڭلار ياكى ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇۋېتىڭلار» – (بەقەرە سۈرىسى 231 ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

2 – «تالاق قىلىنغان ئاياللارنىڭ قائىدە بويىچە مەنپەئەتلىنىش ھەققى بار. بۇ، تەقۋادارلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگە بىر ۋەزىپىدۇر» – (بەقەرە سۈرىسى 241 ـ ئايەت).

3 – «ئۇلارنىڭ يەنى تالاق قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار» – (تالاق سۈرىسى 2 ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى ئايەتتىكى «چىرايلىقچە» دېگەن سۆزنىڭ، ئىككىنچى ئايەتتىكى «قائىدە بويىچە» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچىسى «مەئرۇف» دۇر.
ئەرەبچىدە، ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن تونۇلىدىغان ھەر ئىشقا «مەئرۇف» دېيىلىدۇ. – (مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان).

بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تالاق قىلىنغان ئايالغا (بولۇپمۇ ئېرى بىلەن بىرقانچە يىل بىللە ئۆي تۇتقان ئايالغا) ئىددەت نەپىقىسىدىن باشقىمۇ بىر نەرسە بېرىلىشى كېرەك. لېكىن ئۇ ئايالنىڭ، ئېرىدىن ئالىدىغان نەرسىلىرىنىڭ مىقدارىنى شۇ ئۇ ئايال شۇ ئەر بىلەن، ئەر ـ خوتۇن بولۇپ ياشىغان جاينىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى ياكى شۇ رايوندا كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن بەلگىلەيدۇ (چۈنكى بۇنداق قانۇنمۇ ئۆرپ ئادەت ھېسابلىنىدۇ).

چۈنكى ئىنسانلار شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ ـ ئادەتنى ۋە ئىنسانلار تۈزگەن قائىدە ـ نىزاملارنى دىنىمىزنىڭ بىرەر ھۆكمىگە خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇلار بويىچە ئىش قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلىدە دىنىمىز ئۆرپ ـ ئادەتنى يەنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچكە ئىگە بولغان قائىدىنى ئاساس قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى:

دىنىمىز ئادەتنىڭ ئىبادەت ھېسابلىنىپ قالغانلىرىغا قارشى، ئادەتنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئەمەس. بۇ مەسىلىدە بولغاندەك دىنىمىز تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆرپ ـ ئادەتنى ئاساس قىلىدۇ. چۈنكى ئىبادەت ھېسابلىنىپ قالمىغان ئۆرپ ـ ئادەت، ياخشىلىقى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئەقىللىرى بىلەن تونۇلغان ۋە يولغا قويۇلغان ئىشتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر