مۇسۇلمانلار

قۇرئاندىن قالسا قايسى كىتاب بار؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! مېنىڭ سىزگە يوللىغان ئاخىرقى ئىنكاسىمدىن كېيىن يەنە كىرگەنلىكىڭىز ۋە بۇ سوئالنى سورىغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت سىزگە!

قۇرئان كەرىم ئانا ئاساستۇر، ئانا مەنبەدۇر، ئانا قانۇندۇر. ئالدى بىلەن بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلىرى (بۇلار بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە، نەسەئى قاتارلىق كىتابلاردۇر. بۇلار سىھاھى سىتتە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دا كەلگەن ھەدىسلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «سەھىھ ھەدىسلەر» دەپ قارىلىدۇ.

ئۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ دېيىلىشى، مەزمۇنىنىڭ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە ياكى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرگە ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇ كىتابلارنىڭ مۇئەللىپلىرىنىڭ (ئۆزلىرى قويغان) شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈندۇر.

ئۇ 6 ھەدىس كىتابىدىن باشقا يەنە سۈنەنى دارىمىي، مۇسنەد ئەھمەد، مۇۋاتتا ئىمام مالىك دەپ ئاتىلىدىغان 3 كىتاب بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مۇسۇلمانلار «مۆتىۋەر ھەدىس كىتابى 6 ئەمەس، 9 دۇر يەنى «كۇتۇبى سىتتە» ئەمەس، «كۇتۇبى تىسئە» دۇر» دەپ قارايدۇ.

مەزكۇر كىتابلاردىن ئورۇن ئالالمىغان ھەدىسلەر «مۇستەدرەك» دەپ ناھايىتى چوڭ بىر كىتابتا توپلانغان.

مانا بۇ 10 كىتابتىكى پەرقلىق ھەدىسلەرنىڭ تۈپەيلىدىن سۈننى مەزھىبى ئەقىدىدە 3 مەزھەبكە (بۇلار تاھاۋىي، ئەشئەرىي ۋە ماتۇرىيدىي مەزھەبلىرىدۇر)، ئەمەل ـ ئىبادەتتە تۆت مەزھەبكە (بۇلار ھەنەفىي، شافىئىي، ھەنبەلىي ۋە مالىكىي مەزھەبلىرىدۇر) بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇ، سۈننىي مەزھىبىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈشلىرىدۇر.

شىيئەلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلىرىدىكى پەرقلىق ھەدىسلەرنىڭ تۈپەيلىدىن بىرقانچە تارماق مەزھەبكە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

يەنى مۇسۇلمانلار قوللىرىدا ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم تۇرۇقلۇق ئالدى بىلەن چوڭ ئىككى مەزھەبكە، ئاندىن ھەر مەزھەب بىرقانچە تارماق مەزھەبكە بۆلۈنگەن.

شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان ياخشىلىقلار ئۇ «مۇسۇلمانلار» دىن تارتىپ ئېلىنغان. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۇ ياخشىلىقلارنى مەزھەبچىگە ئەمەس، مۇسۇلمانغا يەنى ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلارغا ۋەدە قىلغان.

مەن (ئەبۇلفاتىھ) ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن تارتىپ مۇسۇلمانلارغا ئىنسانلار ئويدۇرغان دىننى ئەمەس، ئاللاھ نازىل قىلغان دىننى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. مۇسۇلمانلار تورى ئۇ تىرىشچانلىقنىڭ ھازىرقى قىسمى.

شۇڭا مۇسۇلمانلار تورىدا ئايەت ـ ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئۆزۈم تەييارلىغان (يازغان) مەلۇماتلارنى نەشىر قىلىۋاتىمەن. دىققەت قىلسىڭىز ھېچبىر پەتىۋادا ياكى ھېچبىر ماقالە ۋە تەتقىقاتتا «پالانى ئالىم مۇنداق دەپتىكەن، پۇستانى زات ئۇنداق قىپتىكەن» دېگەن مەزمۇندا بىر ئىپادە كۆزىڭىزگە چېلىقمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ (كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) كۆزقارىشىنى «دىننىڭ ھۆكمى» سۈپىتىدە مىللىتىمگە «تەقدىم» قىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن!

قېرىندىشىم! تولا گەپ قىلىپ قويدۇم! سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،

باشتا دېگىنىمىدەك، قۇرئان كەرىم ئاساسى قانۇندۇر، ئانا مەنبەدۇر، ئۆلچەمدۇر. قايسى كىتابتا بولسا بولسۇن ھەر قانداق ھەدىسنى قۇرئان كەرىم بىلەن بىرلىكتە چۈشەنسەك، ھەدىسلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئەمەل قىلساق، ھەر قانداق مەسىلىدە ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە قارىساق، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۈشەنسەك ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلساق، توغرا ئىش قىلغان بولىمىز ۋە توغرا ئىش قىلىمىز.

ئەكسى تەقدىردە بىز ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تەسلىم بولغۇچى دېگەن مەنىدىكى مۇسۇلمان بولماي قالىمىز. ئاللاھ بىزنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر