مۇسۇلمانلار

ئىشچى – خەزمەتچى نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! قىزىڭىز ۋە قىزىڭىز بىلەن ئوخشاش ئەھۋالدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ نامازلىرىنى تۆۋەندىكى يوللارنىڭ بىرى بىلەن ئادا قىلىشى لازىم:

بامدات ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقىتىلىرى خزمەت، ئىش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشچى ـ خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى ۋاخ نامازنى ئوقۇشتا بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەيدۇ.

بەزى كۈن قىسقا زامانلاردا نامازشامنى خۇپتەن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەنى خۇپتەننىڭ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇسا بولىدۇ. كۈن ئۇزۇن ۋاقىتلاردا بۇ ئۈچ ۋاخ نامازنى ھەر كىم ھېچبىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەستىن ئۆز جايىدا ئادا قىلالايدۇ.

شۇنداق بولغاندا ئىككى ۋاخ ناماز قالىدۇ؛ بىرى پېشىن، يەنە بىرى نامازدىگەر. بۇ ئىككى نامازنى كۈن ئۇزۇن ۋاقىتلاردا ھەر كىشى ئۆز ۋاقتىدا ئۆز جايىدا ئادا قىلايلايدۇ. مەسىلەن: پېشىننى چۈشلۈك ئىستىراھەت ۋاقتىدا ئۇيغۇن بىر يەر تېپىپ ئوقۇۋالسا (چۈنكى پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن ئېگىلگەن ھامان كىرىدۇ. بۇ ۋاقىت دىيارىمىزنىڭ شىمالىدا سائەت 12 دىن 10، 15 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنۇبىدا 12 دىن 20، 30 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتلارغا ئۇدۇل كېلىدۇ)، نامازدىگەرنى ئىشتىن چۈشۈپ كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئوقۇۋالسا بولىدۇ.

قىش كۈنلىرى يەنى كۈن قىسقا ۋاقىتلاردا نامازدىگەر بىلەن نامازشامنىڭ ۋاقتى ئىشتىن چۈشۈپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا پېشىننى يەنە چۈشلۈك ئىستىراھەت ۋاقتىدا، نامازدىگەر بىلەن نامازشامنى ئىش ئارىسىدا 10، 15 مىنۇتلۇق ئىستىراھەتكە قويۇپ بېرىدىغان ئىش بولسا، شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇۋالسا بولىدۇ.

ئەگەر ئۇنداق ئىش بولمىسا نامازدىگەرنى پېشىن بىلەن بىرلىكتە جەمئى تەقدىم قىلىپ (ئىككى نامازنى ئاۋۋالقىسىنىڭ ۋاقتىغا تارتىپ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش ئۇسۇلى بىلەن) چۈشلۈك ئىستىراھەت ۋاقتىدا ئوقۇۋالسا، نامازشامنى خۇپتەننىڭ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئىككى نامازنى بىرلەشتۈرۈپ جەمئى تەخىر قىلىپ (ئىككى نامازنى كېيىنكىسىنىڭ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئىككىسىنى بىرلىكتە ئوقۇش ئۇسۇلى بىلەن) ئوقۇسا بولىدۇ.

بۇ جەرياندا سۈننەتلەرنى ئوقۇماي پەرزنىلا ئوقۇشى كېرەك. چۈنكى پەرز ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن ئۇ قەدەر قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بىرىنىڭ سۈننەت نامازلارنىمۇ ئوقۇيمەن دېيىشى ئۆزىنى ئۆزى قىينىغانلىق بولىدۇ. دېمەك، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرى ئەمەس، بەلكىدە بىر تەشۋىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەتلەرنى ئوقۇغانلار ساۋاب تاپىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

ئىشچى ـ خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىز ئۇ نامازلارنى يەنى پېشىن، نامازدىگەر ۋە قىش كۈنلىرىدە نامازشام قاتارلىق نامازلارنى تاھارەت ئېلىپ، ئالدىنى قىبلىگە قىلىپ ئوقۇيالىسا، مۇشۇ بويىچە ئوقۇشى لازىم. ئەگەر بىر قورقۇنچ يۈزىسىدىن تاھارەت ئالالمىسا ياكى قىبلىگە يۈز كەلتۈرەلمىسە ياكى نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى جايىدا قىلالمىسا ۋە ياكى بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئۆز جايىدا قىلالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولسا، نامازلىرىنى تۆۋەندىكى شەكىلدە ئوقۇشى كېرەك:

سۇ بىلەن تاھارەت ئالالمىسا تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇيدۇ (پاك بولۇش نىيىتى بىلەن ئىككى قولىنى پاك تۇپراققا بىر ئۇرۇپ يۈزىنى ۋە يەنە بىر ئۇرۇپ ئىككى قولىنى سىلايدۇ)، قىبلىگە يۈز كەلتۈرەلمىسە ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئوقۇيدۇ. رۇكۇ ۋە سەجدىنى نورمال شەكىلدە قىلالمىسا باش ئىشارىتى بىلەن بۇمۇ مۇمكىن بولمىسا كۆز ئىشارىتى بىلەن قىلىپ ئوقۇيدۇ.

ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئايال ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە ئايال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئورۇندىشى كېرەك بولغان شەرتلەردىن باشقا، ئورۇندىشى كېرەك بولغان مۇنداق بىر شەرت بار: ئۇ بولسىمۇ نامازدا ئىككى قولى ۋە يۈزىدىن باشقا پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى يۆگەشتىن ئىبارەت. ئاياللار نورمال ۋاقىتلاردىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك بولغان بۇ پەرز، ئۇ (ئايال) لار ئۈچۈن نامازنىڭ بىر شەرتىدۇر.

ئىش، خىزمەت ۋە ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كىيىم كىيىش ئەركىنلىكى بولمىغان ئايال مۇسۇلمانلار، نامازلىرىنى ئۈستىدىكى قىياپەتلىرى بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ. مەسىلەن ئۇزۇن بىر كىيىمنى كىيىش بىلەن پۇتىنى دۈمبىسىغىچە يۆگىيەلمىگەن ياكى بېشىغا ياغلىق ئارتىش بىلەن بېشىنى، گەدىنىنى، بوينىنى ۋە گېلىنى يۆگىيەلمىگەن ئاياللار نامازلىرىنى ئۇ يەرلىرىنى يۆگىمەي يەنى بېشىغا ياغلىق ئارتماي ئوقۇسا بولىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ئايەتلەردۇر:

1 ـ «نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان، ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا زىكىر ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۇبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر» (نىسا سۈرىسى 103 ـ ئايەت).

بۇ ئايەت نامازنى كېچىكتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقى، ھەر بىر ۋاخ نامازنىڭ بەلگىلەنگەن بىر ۋاقتىنىڭ بولغانلىقى، ھەر نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىنىڭ ئىچىدە ئوقۇشنىڭ قەتئىي پەرز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇخلاپ قېلىشتىن ياكى ئۇنتۇپ قېلىشتىن باشقا بىر سەۋەب بىلەن نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇمىغانلارنىڭ تەۋبە قىلىشتىن باشقا چارىسى يوقتۇر.

بۇ ئايەت يەنە خاتىرجەم چاغدا ئوقۇلىدىغان ناماز بىلەن قورقۇنچ ئىچىدە چاغدا ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئىشارەت قىلىدۇ.

2 ـ «ئاللاھ ھىچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» (بەقەرە سۈرىسى 286 ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

3 ـ «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھغا غا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» (تەغابۇن سۈرىسى 16 ـ ئايەت).

بۇ ئىككى ئايەت مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇلمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر