مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا تاشقى پىلانىتلاردا ھاياتلىق بار-يوقلىقى تۇغۇرلۇق بىشارەت بارمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

بەقەرە سۈرىسىنىڭ 22 ـ ئايىتى، نازىئات سۈرىسىنىڭ 27 ـ ئايتىدىن باشلاپ 33 ـ ئايىتىگىچە، فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 9 ئايىتىدىن 11 ـ ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەر ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ زېمىندىن باشقا يەردە، زېمىندا ياشىغىنىدەك تەبىئىي بىر ھايات بىلەن ياشىيالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بەزى ئايەتلەر (مەسىلەن: نەھل سۈرىسىنىڭ 49 ـ ئايىتى ۋە شۇرا سۈرىسىنىڭ 29 ـ ئايىتى) بۇ زېمىندىن باشقا يەردە باشقا مەخلۇقاتنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

تاشقى پلانېتىدا ھاياتلىق بار دەپ قاراش ئىماننىڭ شەرتى ئەمەس. يەنى دىنىمىز مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ساھىسىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىلىم ئىگىسى بولۇشنى شەرت قىلمىغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ توغرىدا ياكى قانداقلا بىر ساھەدە بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولغان بىر مۇسۇلمان، ئۆيىدىكى قۇرئان كەرىمنى قولىغا ئېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ چۈشەنچە ھاسىل قىلسا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ھەممە نەرسە بايان قىلىنغان، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بار.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر