مۇسۇلمانلار

مۇشرىكلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پايدىسى بارمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! بۇ ئايەتلەردە يەنى تەۋبە سۈرىسىنىڭ 17 – ئايىتىدىن باشلاپ 22 – ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەردە، توغرا ئىمانغا ئاساسلانمىغان دىنى ئەمەللەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېچبىر قىممىتى بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپكى مۇخاتەبلىرى بولغان مەككە خەلقى دىنى ئەمەل دەپ بىلىدىغان ئىشلار يەنى ئۇلارنىڭ ئىمانلىرىنى دۇرۇسلىماي تۇرۇپ كەبىنى ئاۋات قىلىشلىرى ۋە ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشلىرى مىسال كەلتۈرۈلمەكتىدۇر.

يەنى بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، پۈتكۈل دىنى ئەمەللەردە پەقەت ئاللاھ رىزاسىنىلا كۆزدە تۇتۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان باشقا ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاشتۇر.

بۇ توغرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان مۇھىم نۇقتا شۇدۇر:

بىر ئەمەل، ئەقلى ئۆلچەملەرگە ۋە ئۆرپ – ئادەتلەرگە كۆرە نەقەدەر پايدىلىق ۋە نەقەدەر مۇھىم ھېسابلانسا ھېسابلانسۇن، ئۇ ئەمەلنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئېتىبار قازىنىشى ئۈچۈن ئۇ ئەمەلنى قىلغۇچىنىڭ مۇشرىك بولماسلىقى ۋە ئەمىلىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىلا كۆزلىگەن بولۇشى شەرتتۇر.

يۇقىرىدىكى مەناغا بىر تەييارلىق ماھىيىتىدە 17 – ۋە 18 – ئايەتلەردە مەسچىتلەرنى ئاۋات قىلىش خىزمىتىنى ئۆز كاپىرلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇشرىكلارنىڭ قىلىشلىرىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا ئىمان دۇرۇس بولماي تۇرۇپ قىلغان ئەمەل، ئەمەل ئەمەس. ئىمانى دۇرۇس بولماي تۇرۇپ بىز ياخشى ئەمەل قىلدۇق دېگەنلەرنىڭ ئەمەللىرى ياخشى ئەمەل ئەمەس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر