مۇسۇلمانلار

بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇمىسا پەرزى ئادا تاممامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

«بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇمىسا ناماز ئادا تاپمايدۇ» دېگەن كۆزقاراش ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بوھتان چاپلىغانلىقتۇر.

قېرىندىشىم! مەن بۇ توغرىدا بىرقانچە قېتىم توختالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىنى قايتا ـ قايتا سوراۋىرىشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟

چۈنكى بىر نامازنىڭ «سۈننەت» دېگەن ئىسمى، «بۇ نامازنى ئوقۇش قەتئىي بۇيرۇق ئەمەس، بىر تەشۋىقتۇر. ئوقۇغانلار ساۋاپ تاپىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ» دېگەن بولىدۇ.

بامدات نامىزىنى يەنى ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئەركانىدىن بىرى بولغان «ناماز» نىڭ تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچىلىك بولغان ئارلىقتا ئوقۇلىدىغىنىنى «تۆت رەكئەت» دېگەنلەر ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بوھتان چاپلىغان بولىدۇ.

بامدات 2 (ئىككى) رەكئەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە يەڭگىلغىنا ئىككى رەكئەت نەپلە ئوقۇيتتى دەپ رىۋايەتلەر بار. بۇنى ئەكىلىپ بامدات نامىزىنىڭ ئالدىغا چاپلاپ، ئۇنى ئوقۇمىسا بولمايدىدىغان ھالەتكە چىقىرىش گۇناھتۇر.

ھەتتا بەزىلەر تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ پەرزنى ئاللاھقا، سۈننەتنى پەيغەمبەرگە ئوقۇيمىز دەيدۇ. بۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.

بەزى يېڭى چىققان ئۇيغۇرچە كىتابلاردا : «نامازلارنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇمىسا، قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خاپا بولىدۇ» دەپ كۆردۈم.

بۇ كىتابلارنىڭ «ئاپتۇر» لىرىدىن تېخىمۇ توغرىسى «تەرجىمان» لىرىدىن سوراش كېرەك: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالامنىڭ شېرىكىما؟ پەرزدىن ئاللاھ ھېساب ئالىدۇ، سۈننەتتىن پەيغەمبەر شۇنداقمۇ؟؟؟ سىلەر ئاللاھدىن قورقمامسىلەر؟؟؟

مەيلى بامداتنىڭ سۈننىتى بولسۇن، مەيلى ۋىتىر بولسۇن ھېچبىر سۈننەت نامازنى ئوقۇش بۇيرۇق ئەمەس. بىر تەشۋىقتۇر؛ ئۇوقۇغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر