مۇسۇلمانلار

ئانام قازا قىلىپ كەتكەن، 40 كۈن پەرز تۇتامدىم؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! بۇ توغرۇلۇق دىنىمىزنىڭ ھۆكمى تامامەن پەرقلىقتۇر. دىنىمىز ئايال كىشىنىڭ ئېرىدىن باشقا بىر كىشىگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشنى ھارام ھېسابلايدۇ.

يەنى سىز ئانىڭىز ئۆلۈپ قېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئانىڭىز ئۆلۈپ قالمىغان چاغدىكى ھاياتىڭىزنى قايتا داۋام قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر ئانىڭىزغا 40 كۈن پەرز (قارىلىق) تۇتۇشىڭىزنىڭ ھاراملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

ئەبۇ سەلەمەنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ئۇممۇ ھەبىيبەنىڭ يېنىغا دادىسى ئەبۇ سۇفيان ئىبن ھەرب تۈگەپ كەتكەندە كىرسەم، بىر تۈرلۈك خۇشبۇي نەرسىنى ئەكەلدۈرۈپ ئالدى بىلەن بىر قىزچاققا سۈرۈپ قويدى، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى مەڭزىگىمۇ سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، خۇش پۇراق ئىشلىتىشكە ھاجىتىممۇ يوق ئىدى، لېكىن مېنىڭ بۇنى ئىشلىتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايالنىڭ ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقاندىن باشقا بىرەر مىيىتقا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ»، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.

ئاندىن زەينەب مۇنداق دەيدۇ: مەن جەھشنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قېرىندىشى تۈگەپ كەتكەندە ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەم، ئۇ خۇش پۇراق نەرسىنى ئەكەلدۈرۈپ سۈرگەندىن كېيىن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ: ‹ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئايالنىڭ ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقىنىدىن باشقا، بىرەر مىيىتقا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ›، دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان بولسام، بۇ خۇش پۇراقنى ئىشلىتىشكە ھاجىتىممۇ يوق ئىدى» دېگەنىدى. – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر