مۇسۇلمانلار

مۇسۇلمان بىلەن موئمىن، مۇسۇلمانچە بىلەن ھالال بىر گەپمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

1 ـ قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى قۇرئان ئۆلۈكلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. بۇ توغرۇلۇق ياسىن سۈرىسىنىڭ 70 ـ ئايىتىگە قاراڭ.

قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇشنىڭ مېيتقا ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئەگەر پايدىسى بولغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئەمر قىلغان بولاتتى.

2 ـ مەن باشقىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى ياكى نېمە ئۈچۈن يەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

مەن ئۆزۈمنىڭ ئاللاھ تەئالا ياراتقانلىقى ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىمنى، ئاللاھ تەئالا خالىغان بىر زاماندا بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىمنى، يارىتىلىشىمنىڭ ئىمتىھان ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن ھاياتىمنى كەچۈرۈشۈم ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا ئاتا قىلغان رىزىقتىن ئاللاھ تەئالا رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە پايدىلىنىشىمنىڭ ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ماڭا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلىمەن.

3 ـ مۇسۇلماننىڭ «ھەقىقىي» ىسى ياكى «ساختا» سى، «جىڭ» ى ياكى «جا» سى دەپ بىر گەپ يوق. يا مۇسۇلمان بولىسىز يا مۇسۇلمان بولمايسىز. بۇ ئىش بۇ قەدەر ئېنىق.

ئىسلام دىنىنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ، ئۇنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئورۇندىغان كىشى مۇسۇلمان بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان كىشى مۇسۇلمان بولمايدۇ.

4 ـ ئاللاھ تەئالاغا، پەرىشتىلەرگە، ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى مۇئمىن، بۇ ئىمانىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسلامسىز ئىمان، ئىمانسىز ئىسلام ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ.

شەيتاننىڭ ئىمانى بار ئىسلامى يوق، مۇناپىقنىڭ ئىسلامى بار ئىمانى يوق. بۇلارنىڭ ھېچبىر ئەسقاتمىدى؛ نە شەيتاننىڭ ئىمانى، نە مۇناپىقنىڭ ئىسلامى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى ۋە ئەسقاتمايدۇ.

بىر ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەم مۇئمىن، ھەم مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. ئىككىسىنىڭ بىرى يوق بولسا، يا شەيتان ياكى مۇناپىق بولغان بولىدۇ.

5 ـ مۇسۇلمانچە بولۇش ئۈچۈن ھالال بولۇشى شەرت، ھالال بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانچە بولۇش شەرت.

كۈنىمىزدە ئىستېمال قىلىنىشتا بۇ ئىككى سۆزنىڭ پەرقى يوق. بۇ، بىر نەرسىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشىدۇر. بۇ سۆزلەر: «ئۇز» بىلەن «چىرايلىق»، «توڭ» بىلەن «خام» دېگەندەك سۆزلەردۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر