باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سىزدىن بىر قانچە ئىشلارنى سۇراپ بىلۋالماقچى ئىدىم

 1ـ بىزنىڭ يۇتتا نامازنى رىپى قىلىپ ئۇقۇغۇلى قويمايدۇ يەنە رۇكۇغا باردىغان چاغدا ھەم رۇكۇدىن قوپقاندا قولنى مۈرۈنىڭ باراۋىردە كۈتۈرگىلى قويمايدۇ ئەگەر ئۇنداق ئۇقۇيمە دىسەك ئۆيدە ئۇقساق بۇلدۇ شۇڭا ئۆيدە ئۇقۇغان ياخشىمۇ ياكى مەسچىتتە رىپى قىلماي ئۇقۇغانمۇ؟
 2ـ ئاكام كۆنا كىيىم كىچەك تىجارىتى قىلدۇ ئۇ كىيىملەر كاپىرلارنىڭ يەھۇدىلارنىڭ بۇلشى مۇمكىن ئىشقىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەس دىنمىزدا بۇلارنىڭ كىيىم كىچكىنى ئېلىپ سېتىشقا رۇخسەت بارمۇ يوق؟
 3ـ نامازغا تۇرغاندا ئاغزىمىزدا نىيەت قىلىش بىدئەتمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش بەك مۇھىم. بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە ئىشارەت بار. ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 43 ـ ئايىتىدە» :رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار» دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ:
1 ـ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابى يالغۇز ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابىدىن 27 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2 ـ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىر ئەما كىشى كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى مەسجىدكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئادەم يوق»، دەپ رەسۇلۇللاھتىن نامازنى ئۆيدە ئوقۇشقا رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى. ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، رەسۇلۇللاھ چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلامسەن؟»، دېدى. ئۇ كىشى: «ھەئە»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق بولسانامازغا كەلگىن»، دېدى. – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
3 ـ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئوتۇنغا بۇيرۇسام، ئوتۇن ئېلىپ كېلىنسە، ئاندىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇسام، ئەزان ئېيتىلسا، ئاندىن بىر كىشىنى بۇيرۇسام ئىمام بولسا، ئاندىن ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى قالدۇرۇپ، نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭكىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىسام، دەيمەن»– بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
4 ـ ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مەيلى ئاۋات جاي بولسۇن ياكى ئاھالىسى شالاڭ جاي بولسۇن، ئۈچ نەپەر مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلىدۇ . جامائەت بولۇشنى لازىم تۇتۇڭلار، چۈنكى پادىدىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەپ كېتىدۇ»ـ ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
نامازنىڭ مەلۇم يەرلىرىدە قول كۆتۈرۈپ ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ بىر تەكىتلەنمىگەن سۈننەتتۇر. يەنى بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى تەكىتلىگەندەك تەكىتلىمىگەن، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى رەفئى يەد قىلىشقا بۇيرۇمىغان. بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەفئى يەد قلغانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «مەن رەسۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازغا شۇرۇئ قىلغان چېغىدا، رۇكۇغا بارغان چېغىدا، رۇكۇدىن بېىشىنى كۆتۈرگەن چېغىدا، ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغان چېغىدا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن مەزمۇندا بىر سۆزى رىۋايەت قىلىنىدۇ (بۇ رىۋايەت مۇسلىم سالات 54؛ ئەبۇداۋۇد سالات 117؛ نەسەئى ئىفتىتاھ 107، سەھۋ 29 دا ئۆتىدۇ.(
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدا دەسلەپكى تەكبىردىن باشقا يەردە قول كۆتۈرمىگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. (بۇ رىۋايەت تىرمىزىدا ئۆتىدۇ  .(بۇ رىۋايەت يۇقىرىدىكى رىۋايەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. يەنى بۇ ئىككى رىۋايەت ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق رەفئى يەد قىلىشنىڭ ئۇنچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن رەفئى يەد قىلىشنى يەنى نامازنىڭ مەلۇم يەرلىرىدە قول كۆتۈرۈشنى، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن دەپ قىلمىسا قەتئىي بولمايدىغان ئىشلاردىن مەھرۇم قېلىش ئەقىللىق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن يارىشىدىغان ئىش ئەمەس.
دىنى مەلۇماتىمىز بەك تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن بىزدە پەرز بىلەن كارىمىز يوق مۇستەھەبكە ئېسىلىۋالىدىغان، بەشۋاخ ناماز ئوقۇش ئېغىر كېلىدىغان لېكىن ھەرەمگە بارغۇمىز كېلىپ قالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاشتاق ناماز ئوقۇغانلارغا ئېسىلىۋالىدىغان، ھېچ ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق نامازلارنىڭ پەرزلىرىنىلا ئوقۇغانلارغا ئېسىلىۋالىدىغان ئىشلار بار. ئاللاھ بىزگە ئىنساپ بەرسۇن! مەن «ئامىننى ئۈنلۈك دەمدۇق، مەخپىيمۇ؟» دېگەن ماقالەمدە بۇ ھەقتە توختالغان ئىدىم.
2 ـ سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى:
دىنىمىزدا، ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان مالنىڭ ئىگسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ. يەنى دىنىمىزدا مۇسۇلمان مۇسۇلماندىن سېتىۋېلىشى كېرەك ياكى مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا سېتىشى كېرەك دەپ بىر ھۆكۈم يوق.
3 ـ سوئلىڭىزنىڭ جاۋابى:
نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. ئاغزىدا نىيەت ئەمەس، سۆز قىلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ