مۇسۇلمانلار

دادام قەسىمىدە تۇرمىدى، قانداق قىلىشى كېرەك؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

دادىڭىز ئەسلىدە ئۇ قەسىمىنى بۇزۇپ كەففارەت بېرىشى ۋە ئۇكىڭىزنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ، ئۇنى يوقلاپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئۆز بالىسىنىڭ دۇكىنىغا بارماسلىقى ياخشى ئىش ئەمەس. بۇنداق ئىشقا قەسەم ئىچكەن كىشى قەسىمىنى بۇزۇپ، كەففارىتىنى بېرىپ، ياخشى ئىش قايسى بولسا شۇنى قىلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

1 ـ ئابدۇراھمان ئىبن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «… بىرەر نەرسىگە قەسەم قىلساڭ، كېيىن باشقا بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن ياخشى دەپ قارىساڭ، بۇ ھالدا سەن ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىپ، قەسىمىڭگە كەففارەت بەرسەڭ بولىدۇ»، دېگەنىدى. – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

2 ـ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ئىشقا قەسەم قىلسا، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق دەپ قارىسا قەسىمىگە كەففارەت بېرىپ ياخشى دەپ بىلگەن ئىشنى قىلسۇن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

3 ـ ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنشائاللاھ قەسەم قىلمايمەن. قەسەم قىلىپ قالسام قىلغان قەسىمىمدىن ياخشىراق بىر نەرسىنى كۆرسەم، قەسىمىمگە كەففارەت بېرىپ، ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىمەن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇزۇلغان قەسەمنىڭ كەففارىتىگە كەلسەك، ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. قەستەن قىلغان قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار، ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر. قەسىمىڭلاردا تۇرۇڭلار» (مائىدە سۈرىسى 89- ئايەت).

دادىڭىز يۇقىرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ۋە بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن قەسىمىنى بۇزۇپ ياخشى ئىش قىلىپتۇ. ئەمدى كەففارەت بېرىشى كېرەك. دادىڭىز مۇشۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ كۈچى يەتكىنىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۈچى يەتكەن بىرىنى) قىلسا كەففارەت بەرگەن بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر