مۇسۇلمانلار

ئايالىم توغماس، ئاجرىشامدىم؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يەككە ـ يېگانە پادىشاھىدۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، ياكى ئۇلارغا ئوغۇل ـ قىز ئارىلاش پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى تۇغماس قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر» – (شۇرا سۈرىسىنىڭ 49 ـ ۋە 50 ـ ئايەتلىرى)

قېرىندىشىم! سىز بۇ ئايەتكە ئاساسەن سەۋر قىلىپ ئايالىڭىز بىلەن ئاجراشمىغىنىڭىز ياخشىدۇر. چۈنكى سىلەرنىڭ بالا ئىگىسى بولالماسلىقىڭلار، سىز ئۈچۈن ياكى ئايالىڭىز ئۈچۈن ۋە ياكى ھەر ئىككىلىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىر ئىمتىھانى بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئائىلە ئىچىدىكى بەخت پەقەتلا بالىغا باغلىق» دەپ بىر قائىدىمۇ يوق. سىزنىڭ «مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى» دېگەن ئىپادىڭىزمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

بالا بېقىۋېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاللاھ تەئالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنى ئۆز بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى. ئۇ بالىلارنى بالام دېيىشىڭلار ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان بىر سۆزدۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ. ئۇلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ بالىلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلاردۇر. سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلىرىڭلاردا گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشلىرىڭلاردا گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر» (ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 4 ـ ۋە 5 ـ ئايەتلىرى).

بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بالا بېقىۋالسىڭىز، ئۇ بالا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە سىزنىڭ بالىڭىز ھېسابلانمايدۇ. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقىي نەتىجىلىرى بار:

1 ـ بېقىۋالغان بالىڭىز قىز بولسا، يوغىنىغان چېغىدا سىزگە نامەھرەم بولىدۇ، ئوغۇل بولسا ئايالىڭىزغا نامەھرەم بولىدۇ. يەنى بىر بالىنى بېقىۋېلىش بىلەن ئوتتۇرىغا مەھرەملىك پەيدا بولۇپ قالمايدۇ.

2 ـ بېقىۋالغان بالىڭىز سىزگە ياكى ئايالىڭىزغا ۋارىس بولالمايدۇ.

3 ـ بېقىۋالغان بالىڭىزنى ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىشىڭىز يەنى ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن: بالىنىڭ ئىسمى ئەھمەد، سىزنىڭ ئىسمىڭىز رۇزى، ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى داۋۇد بولسا، بالىنى ئەھمەد داۋۇد دەپ ئاتىشىڭىز كېرەك. ئۇنى ھەرگىزمۇ ئەھمەد رۇزى دېيەلمەيسىز.

يىغىپ ئېيتقاندا بېقىۋالغان بالىڭىز ھېچبىر ئەھۋالدا سىزنىڭ ئۆز بالىڭىز ھۆكمىدە بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى قايتا ـ قايتا ئوقۇغايسىز.

ئايالىڭىزدىن ئاجرىشىپ كېتىشىڭىزگە كەلسەك:

بۇ ئىشتا دىنىمىز سىزگە تولۇق ئىختىيار بەرگەن. ئاجرىشىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى: ئايالىڭىز بىلەن ئاجرىشىپ كەتسىڭىز، ئاللاھ قىلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلغان ئىشلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغىنىنى قىلغان بولىسىز. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ھالالنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغىنى تالاقتۇر يەنى بىر ئەر ـ خوتۇننىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىدۇر» – (بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ سىزنى، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋە ئايالىڭىز ئۈچۈن ئىككىلى دۇنيادا ئەڭ خەيرلىك بولغان ئىشنى قىلىشقا ھىدايەت قىلسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر