مۇسۇلمانلار

قۇربانلىق قوي ئۆلدى، كىم تۆلەيدۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن ۋە پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار. كىم گۇۋاھلىقنى يوشۇرسا، ئۇنىڭ قەلبى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» – (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 283 ـ ئايەت).

قېرىندىشىم! بۇ، قوينىڭ ئېلىم ـ سېتىم ئىشى ئاخىرلىشىپ پۇل ساتقۇچىنىڭ، قوي ئالغۇچىنىڭ مۈلكى بولۇپ بولغان؛ ئىش تامامەن ئامانات مەسىلىسىگە ئايلنىپ بولغان مەسىلە ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئامانەتكە ئالاقىدار بولغان يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن چۈشىنىشىمىز كېرەك بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئامانەتنى ئالغان كىشى، ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشى لازىم. ئەگەر ئامانەت، بۇ كىشى (ئامانەتنى ئالغۇچى كىشى) بىر كەمچىلىك ئۆتكۈزمەستىن، بىر يېتەرسىز قىلماستىن بىرەر ئاپەتكە ئۇچرىغان بولسا، بۇ كىشىگە تۆلەم كەلمەيدۇ.

يەنى ئامانەتنى تۇتقۇچىدىن بىر قەستەنلىك ئۆتمەستىن ئامانەت زايە بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ (ئامانەت تۇتقۇچى) ئامانەتنى تۆلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنمايدۇ. بولغان زىيان ئامانەتنى قويغۇچىغا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئامانەت تۇتقۇچىغا تۆلەم كەلمەيدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ.

لېكىن ئامانەت تۇتقۇچى ئۆتكۈزگەن بىر قەستەنلىك تۈپەيلىدىن ئامانەت زايە بولۇپ كەتكەن بولسا ۋە بۇنىڭغا ئامانەت تۇتقۇچى ئۆزى ئىقرار قىلغان ياكى بۇنى ھەققانى كىشىلەر ئىسپاتلىغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئامانەتنى تۇتقان كىشى تۆلەپ بېرىدۇ. يۇقارقى ئايەتتىكى «گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار. كىم گۇۋاھلىقنى يوشۇرسا، ئۇنىڭ قەلبى گۇناھكار بولىدۇ» دېگەن ئىپادە ھەققانى كىشىلەرنىڭ بۇ زىياننىڭ كىمگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ناھايىتى دىققەت بىلەن ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر