مۇسۇلمانلار

نىجاسەت يەيدىغان ھايۋاننى يېگىلى بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

توخۇ، غاز، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىدىن؛ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدىن نىجاسەت يەپ ئوزۇقلانغانلىرى «ئەلجەللالە» دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ (ئەلجەللالە) لەرنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشىنى، سۈتلىرىنى ئىچىشىنى ۋە ئۈستىگە مىنىشنى ياقتۇرمىغانلىقى ۋە چەكلىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. – (مۇۋەتتا، ئەداھى 28؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 1/219- 226؛ ئىبنى ماجە، زەبائىھ 11؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 25؛ نەسەئى، داھايا 43 – 44).

بۇ ھەدىسقا ئاساسەن، پۈتۈن ئوزۇقلىقىغا ھېچ ئارىلاشمىسى يوق خالىس نىجاسەت يەيدىغان ھايۋانلارنى بىر مۇددەت ساقلاتماستىن ئۆلتۈرۈش يېيىپ مەكرۇھتۇر. ئەگەر ساقلاتمايلا ئۆلتۈرسە ئەۋزەلنى تەرك ئەتكەنلىك بولىدۇ، لېكىن ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئىشنىڭ ئەسلى شۇكى: ھايۋانلارنىڭ يېيىشى ۋە ئىچىشى ئۈچۈن ھالال، ھارام دەپ بىر چەكلىمە يوق. يەنى ھايۋانلار خالىغىنىنى يەيدۇ. ئاللاھ تەئالا بىز ئىنسانلار ئۈچۈن ھالال قىلىپ بەرگەن ھايۋانلارنى خالىغان ۋاقتىمىزدا ئۆلتۈرۈپ يېيىشىمىزنىڭ ھېچبىر يامان تەرىپى يوق.

لېكىن نىجاسەت يەيدىغان ھايۋاننىڭ گۆشى پۇرايدۇ ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە خۇش كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق ھايۋانلارنى بىرقانچە كۈن (توخۇ، غاز ۋە ئۆردەكنى 3 كۈن، قوي ۋە ئۆچكىنى 4 كۈن، تۆگە ۋە كالىنى 10 كۈن) ساقلىتىپ، بۇ ئەسنادا ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن بېقىپ ئاندىن ئۆلتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئەسكەرتىش:

يۇقىرىدىكى مەكرۇھلۇق ھېچبىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلمىغان خالىس نىجاسەت يەيدىغانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. لېكىن نىجاسەتكە باشقا بىر نەرسە ئېلىشتۇرۇلغان بولسا ياكى ئۇ ھايۋانلار نىجاسەت بىلەن باشقا بىر نەرسىمۇ يەيدىغان بولسا، بۇنداق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى ۋە سۈتلىرى ئۇ مەكرۇھلۇكنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر