باش بەت > پەتىۋالار > گۇناھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

1 ـ ئىش سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسا ھارام بولمايدۇ. لېكىن «مەن پارا ئالمايمەن، يانچۇقۇمغا سېلىپ قويۇڭ» دېگەن مەنادا ياكى ئىشان ـ سوپىلاردەك «پۇل دېگەن مەينەت، قولۇمغا بەرمەڭ لېكىن جاينامازنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇڭ» دېگەندەك يوللار بىلەن ئالسا، ۋە ياكى ئالدىدىن دېيىشىپ يەنى مەن بۇ ئىشىڭىزنى قىلىپ بېرەي، سىز ماڭا مانچىلىك بىر نەرسە بېرىڭ دەپ توختام قىلىشىپ ئالسا ھارام بولىدۇ.

يەنى بىر خىزمەتچى بىر پۇقرانىڭ ئىشىنى قىلىپ بەرگەن بولسا، ئۇ پۇقرا بۇ خىزمەتچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن بولسا، بۇنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق.

2 ـ بېجىرىشكە بولمايدىغان ئىشنى بېجىرىپ بېرىش، ياكى يالغاندىن ئاساس ھازىرلاپ بېجىرىپ بېرىش ئەلۋەتتە ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. ھەتتا بۇ، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ.

چۈنكى بۇ ئىش خىزمەت بەرگەن تەرەپكە بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى مەلۇم بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكەندەك باشقا خىزمەت ساقلاۋاتقانلارنىڭ خىزمەتكە چىقىشىغىمۇ توسالغۇ بولىدۇ. مۇسۇلمان دېگەن ئامانەتكە رىئايە قىلىدۇ. ۋاپاكار بولىدۇ، ئالدامچى بولمايدۇ. ئەخلاقى ۋە دۇرۇسلۇقى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ.

بۇنىڭغا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى دەلىل بولىدۇ. يۇسۇف سۈرىسىنىڭ تەرجىمىسىنى باشتىن ئاخىر دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ نەدىن نەگە كەلگەنلىكىنى ۋە نېمە بىلەن كەلگەنلىكىنى ئۇبدان چۈشىنەلەيسىز. 3 ـ سوئالنىڭ جاۋابى مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ.

4 ـ قېرىندىشىم! سىزنىڭ بولمىغان بىر نەرسىنىڭ، سىزنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ نەرسىنىڭ تۆۋەندىكى يوللارنىڭ بىرى بىلەن سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتكەن بولۇشى كېرەك:

ئا ـ مىراس بىلەن. يەنى ئۇ نەرسىنڭ ئەسلى ئىگىسى سىزنىڭ ئاتا ـ ئانىڭىز ياكى مىراسى سىزگە تېگىدىغان تۇغقىنىڭىز بولسا، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مىراسىدىن ئۆز ھېسسىڭىزنى ئالسىڭىز، بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ.

ب ـ تىجارەت بىلەن. يەنى سىز باشقا بىرىنىڭ بىر نەرسىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايسىز.

ج ـ ئىشلەش بىلەن. يەنى سىز باشقىسىنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىپ ئىش ھەققىڭىزنى ئالسىڭىز، بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ.

د ـ ھەدىيە بىلەن. يەنى بىر كىشى سىزگە بىر نەرسىنى ھەدىيە قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلسىڭىز سىزنىڭ بولىدۇ.

ھ ـ ياردەم بىلەن. يەنى بىر كىشى سىزگە ياردەم قىلغان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلسىڭىز، سىزنىڭ بولىدۇ.

ۋ ـ ھېچكىمنىڭ بولمىغان نەرسىنى ئىگىلەش بىلەن. مەسىلەن: جاڭگالنىڭ ئوتۇنى، تۇزلۇقنىڭ تۇزى، دەريانىڭ سۈيى، ھاۋادىكى قۇش … قاتارلىقلارغا ئوخشاش نەسىلەردىن سىز قولىڭىزغا ئۆتكۈزۈۋالغىنى سىزنىڭ بولىدۇ.

مۇشۇ يوللاردىن باشقا بىر يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن نەرسە ھارام يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ.

5 ـ پۇل كىمنىڭ ياكى قانداق مۇئەسسەسەنىڭ بولسا بولسۇن، ئۇنى ھارام يوللار بىلەن ئېلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ پۇل بىر شەخسنىڭ ياكى بىر جامائەتنىڭ بولمىغان بىلەن دۆلەتنىڭ پۇلىدۇر. دۆلەتنىڭ پۇلى دېگەن گەپ ئېلىۋالماقچى بولغان كىشىنىڭ پۇلى ئەمەس، شۇ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇلى دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قاراش توغرا قاراش ئەمەس.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ