مۇسۇلمانلار

جازانىدىن تاپقان پۇلنى قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئۇ تۇغقىنىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن جازانە قىلمىسۇن ۋە باشقىلارنىڭ زىممىسىدىكى قېپقالغان جازانىنى ئالماي تاشلىۋەتسۇن. مۇشۇنداق قىلسا تەۋبە قىلىشتىن بۇرۇن جازانىدىن تاپقان پۇل ئۆزىنىڭ بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر (تەرجىمىسى) نى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققايسىز:

«ئۆسۈم يېگەنلەر، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ: «سودا-سېتىق خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى اللە سودا-سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى اللەغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، جەھەننەم ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل ھالەتتە مەڭگۈ قالىدۇ» ـ بەقەرە سۈرىسى 275 ـ ئايەت).

«ئى مۆمىنلەر! ئاللادىن قورقۇڭلار، تېخى قولۇڭلارغا ئۆتمىگەن ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.

ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇم قىلمايسىلەر ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر» ـ (بەقەرە سۈرىسى 278 ـ ۋە 279 ـ ئايەتلەر).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر