مۇسۇلمانلار

سىز 46 سۈرۈنىڭ ئايىتىنى خاتا تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

 مەن سىز يوللىىغان «چوڭ شىرىكلەر» دېگەن تېمىنى بىر مۇنبەرگە يوللىسام سىزنى 46  سۈرۈنىڭ 5- ئايىتىنى خاتا تەرجىمە قىپتۇ (بۇتلارغا) دېگەننى «كىشىلەرگە» دەپ ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ، دەيدۇ. سىزنىڭ تەرجىمىىڭىز خاتامۇ ياكى ئۇلارنىڭمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

 

ئەرەبچىدىن خەۋەردار «داموللاملار» ئەگەر «لوقما» سالماقچى بولسا بىزگە ئەمەس، «كىشىلەر» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيغان مەن «مَنْ» نى «بۇتلار» دەپ تەرجىمە قىلغان، قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدىكى، خۇسۇسەن ئەنە شۇ ئايەتتىكى «دۇئا» دىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرگە «ئىبادەت» دىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرنىڭ مەنىسىنى بېرىپ «تەرجىمە» قىلغانلارغا سالسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىشلىرىغا ياردەمچى بولسا، ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ. بىزنىڭ ئۇ ئايەتنى ئۇنداق تەرجىمە قىلىشىمىزنىڭ «نېمىشقا» سى تۆۋەندىكىچە:

ئەسكەرتىش:

1- «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دە بۇ 46- سۈرىنىڭ 4- ئايىتىدىكى تەدئۇنە « تَدْعُونَ » كەلىمىسىگە ئۆز مەنىسى بولغان «سىلە دۇئا قىلىۋاتقان» دېگەن مەنا بېرىلمەستىن، «تەئبۇدۇنە» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى بولغان «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان»  دېگەن مەنا بېرىلگەن. ئەقىللىق مەخلۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نىسپىي ئالماش ئەللەزىينە الَّذِيْنَ» مەنىسىدىكى ما «مَا» غا   «بۇتلار» دەپ مەنا ئېيتىلغان ھالبۇكى بۇ «ما»   نىڭئەقىللىق مەخلۇقلارنى ئىپادىلەيدىغانلىقىغا ئەينى ئايەتتىكى خەلەقۇ «خَلَقُوا» دىكى ۋە «لَهُمْ» دىكى جەمئى مۇزەككەر سالىم «جمع المذكر السالم (تولۇق مۇزەككەر كۆپلۈك ئالماش)» لار دالالەت قىلىدۇ.

     2- بۇ 46- سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتىنى تەرجىمە قىلىشتا، ئاللاھ تەئالانىىڭ «مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ» دېگەن سۆزىدىكى مەن «مَن» گە، ھۇم «هُمْ» غا ھىم «هِمْ» غا ۋە غافىلۇن «غَافِلُونَ» دىكى ۋاۋ بىلەن نۇنغا ئۆز مەنىسى بېرىلمىگەن.

شۇنىڭ بىلەن بۇ 46- سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى چۈشىنىلمىگەن. چۈنكى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، بىر قىسىم ئىنسانلار تەرىپىدىن مەبۇد قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغانلار تاشتىن، ياغاچتىن… ياسالغان بۇتلار ئەمەس ئەقىللىق مەخلۇقلاردۇر.

ئۇ ئايەتلەر، بۇلارنىڭ ھىممىسى دىققەتكە ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىنسا، مەنا مۇنداق بولىدۇ:

«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلارغا بىر قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرستىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىر كىتاب ياكى ئىلىمدىن بىر قالدۇق كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار›.

ئاللاھنى قويۇپ، قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر.

ئىنسانلار ھەشىر قىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ».

«قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دە بۇ ئايەتلەرگە تەرجىمە قىلىشتا دىققەت قىلىنمىغان مۇھىم نۇقتىلار:

1- «تەدئۇنە» گە «تەئبۇدۇنە» مەنىسى بېرىلگەن.

2- «مەن» گە «ما» مەنىسى بېرىلگەن.

3- ھۇم» غا «ھىيە» ياكى «ھۇننە» مەنىسى بېرىلگەن.

4-«غافىلۇن» غا «غافىلەتۇن» ياكى «غافىلاتۇن» مەنىسى بېرىلگەن

5- «كانۇۇ» غا «كانەت» ياكى » «كۇننە» مەنىسى بېرىلگەن، «كافىرىينە» گە «كافىرەتەن» ياكى «كافىراتىن» مەنىسى بېرىلگەن.

يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ (ئەرەبچە ئورىگىنالىنىڭ) مەزمۇنى، ئاللاھدىن غەيرىي كىشىلەرگە دۇئا قىلىشنىڭ، ئاللاھغا شېىرك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

يوللىغۇچى: admin يوللانغان ۋاقىت: 06-03-2009

اىسسالامۇ اليكۇم ىستاز

بۇ سۇالغا نايىتى چۇشۇنۇشلۇك جاۋاپ بىرىپسىز. اللا رازى بولسۇن.
سىز شۇ خاتالارنى .. ايغۇر الىملىرىغا اسكاتتىگىزمۇ٠
ىۇلار ايغۇرچا مانا تارجىمىنى 27 كىشىنىك كۇزدىن كۇچۇرگانلىكىنى ماناتارجىمىنىك اخىرىغا بىرىشكان اكان.

 يوللىغۇچى: مۇلجارلى يوللانغان ۋاقىت: 06-03-2009

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئاللاھ سىزدىنمۇ رازى بولسۇن، قېرىندىشىم!

بۇ مەسىلە مۇسۇلمانلار تورىدا خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئەسكەرتىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىدىمۇ «چوڭ شېرىكلەر» دېگەن ماقالە نەشىر قىلىنغان. دېمەك بۇ ئەسكەرتىشلەر، بۇ ئىككى تور بېكەتتە ۋە بۇ ماقالە نەشىرقىلىنغان باشقا تور بېكەتلەردە ئۇ ماقالە بىلەن بىرلىكتە نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە «بۇتلار» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغان باشقا كەلىمىلەر كەلگەن. مەسىلەن: «ئەسنام»، «ئەۋسان» دېگەن كەلىمىلەر ئۇلاردىندۇر.

لېكىن مەن «مَنْ» دېگەن كەلىمىگە ھېچبىر لۇغەت كىتابىدا ياكى جاھىلىيە ئەرەب شېئىرىلىرىدا «بۇتلار» دېگەن مەنا بېرىلمەيدۇ. لۇغەتلەردە «دۇئا» نىڭ مەناسى چاقىرماق، يالۋۇرماق، تىلىمەك دېگەن بولىدۇ. بۇنى چوقۇنماق دەپ تەرجىمە قىلىش خاتادۇر، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈنلۈكىگە خىلاپتۇر.

ئىشنىڭ كۈلكىلىك تەرىپى شۇكى، ئەرەبچە بىلمەيدىغان «بەزى بىلەرمەنلەر» مەزكۇر ئەسكەرتىشنى ھېچ ئوقۇپ باقمايلا ماڭا: «سەن خاتا تەرجىمە قىلىپسەن» دەپ «لوقما سېلىشتى». ھەتتا بەزىسى ھاقارەت قىلىشتى.

مەن (ئەبۇلفاتىھ) ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە دەيمەنكى:

بۇرادەرلەر! ئىلىمدە دەلىل ئاساس قىلىنىدۇ. بىر ئىلمىي مەسىلىدە قارشى تەرەپكە دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا «نەسىھەت قىلىش»، ياكى «ھاقارەت قىلىش» ۋە ياكى «پوپوزا قىلىش» ئىلمىي مۇنازىرىدە يېڭىلىپ كەتكەنلىككە دالالەت قىلىدۇ.

شۇنىڭدەك، ئىلمىي مەسىلىدە «كاللا دېسە، پاقالچاق» دېگەندەك، گەپلەرنى قىلىش ياكى كىچىك بالىلار بىر ـ بىرىگە «مېنىڭ دادام سېنىڭ داداڭدىن يامان» دەپ «ھەيۋە» قىلىشقىنىدەك، «سەن پالانىئالىمدىنمۇ بەك موللىمۇ؟ پۇستانى ئۆلىما سەندىن چوڭ موللا!» …. دېگەن سۆزلەرنى قىلىش، ئىلمىي مۇنازىرىدە نە قەدەر چارىسىز قالغانلىقنى، دىنى ئىلىمدە تېخى يولنىڭ بېشىغىمۇ كەلمىگەنلىكنى ۋە بۇ يولغا ھەقنى تېپىش ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقنى ئەمەس، قۇرۇق ھەۋەس بىلەن كىرىپ قالغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.

يوللىغۇچى ebulfatih يوللانغان ۋاقىت: 07-03-2009

ئۇستاز ئەبۇلفاتىھ! سىز 2009ـ3ـ6ـ :دىكى سۇئالغا بەرگەن جاۋابىڭىز ئەجەپ كۇچلۇك دەلىل پاكىتلىرى تولۇق جاۋاپ بوپتۇ. پىكىر قىلىدغان قېرىنداشلەر پىكىر قىلشىڭلار يوللۇق. لېكىن دەلىل پاكىت ھۆججەتلىرىڭلارنى كۆرسۈتۈپ، ئاندىن پكىر قىلشىڭلارنى تەۋسىيە قىلمەن. ئانداغ دەلىل يوق ئۆزىمىزنىڭ ھېسسياتى بىلەن مۈتەككىنا «خاتا» دەپلام قويمىساڭلار! ھەممىمىزگە ئاللاھ ئەجرى بەرسۇن.

يوللىغۇچى oguzhanoglu يوللانغان ۋاقىت: 07-03-2009

رەھمەت سىزگە ئۇ بۇل پاتىخ ئۇستاز ئا للاھ سزگە راخ مەت قىلسۇن

يوللىغۇچى: jawlan يوللانغان ۋاقىت: 09-03-2009

  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر