مۇسۇلمانلار

قەرزنى قايسى شەكىلدە تۆلەيمەن؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئۇ ماقالىدە قەرزدار قەرزىنى تۆلىگەندە، تۆلىگەن چاغدىكى قەرز بىلەن ئالغان چاغدىكى قەرزنىڭ ئوخشاش قىممەتتە بولۇشىنىڭ لازىملىقى ئايەت ـ ھەدىسلەردىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن مەسىلەن:

سىز بىر كىشىدىن ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن 100 يۈەن خەلق پۇلى قەرز ئالغان بولسىڭىز، سىز ئۇ پۇلنى قەرز ئالغان چاغدا، ئۇ پۇلغا 10 كىلو گۆش سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولسا، سىز بۇ قەرزنى تۆلەيدىغان چاغدا باھا ئۆرلەپ كېتىپ گۆشنىڭ كىلوسى 15 يۈەنگە چىقىپ قالغان بولسا، بۇ تەقدىردە سىز قەرز بەرگۈچىگە قەرزنى ئالغان چاغدىكى 10 كىلو گۆشنىڭ بەدىلى بولغان 100 يۈەننى ئەمەس، قەرزنى تۆلەيدىغان چاغدىكى 10 كىلو گۆشنىڭ بەدىلى بولغان 150 يۈەننى تۆلىشىڭىز كېرەك.

بۇ بىر مىسالدۇر. قەرز رتۆلەشتە ئالغانننىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇش ئەنە شۇ شەكىلدە بولىدۇ. مەن بۇنىڭغا گۆشنى مىسال قىلدىم. بۇ ئىشتا ئۆلچەم قىلىنىدىغان نەرسە ھەر رايونغا كۆرە پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇنى يەنى قەرز تۆلەشتە ئالغان چاغدىكى بىلەن قايتۇرغان چاغدىكىنىڭ ئوخشىشىنى بېكىتىش ئىشىنى شۇ رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس كىشىلىرى بېكىتسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار قەرزدارغا «سىز بۇ پۇلنى قەرز ئالغان تارىختا بۇ پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى مۇنداق ئىدى، شۇ چاغدا شۇ پۇلغا سېتىۋالغىلى بولغان بۇ نەرسىنى ھازىر مانچە پۇلغا سېىتىۋالغىلى بولىدۇ» دەپ بىر مىقدار بەلگىلەپ بېرىشى مۇمكىن.

ئەگەر ئالتۇننىڭ باھاسىغا قاراپ ئوخشاشلىقنى (قەرزنى ئالغان چاغدىكى بىلەن قايتۇرىدىغان چاغدىكى تەڭپۇڭلۇقنى) بېكىتىش مۇمكىن بولسا، ئالتۇنغا قاراپ بەلگىلەشكىمۇ بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر