مۇسۇلمانلار

ئۆلۈپ قالغان قوينى خەنزۇغا ساتسام بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى خاتا ئىش قىلىپتۇ. چۈنكى:

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ۋاپاتى: 78) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە پەتىھ بولغان يىلى مەككىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھاراق، ئۆلتۈرۈپ يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، توڭگۇز ۋە بۇتلار قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنى ۋە ئېلىشنى ھارام قىلدى».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق دېگەندە بىرى: «يا رەسۇلەللاھ! ئۆلتۈرۈپ يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ يېغى (مېيى) توغرۇلۇق نېمە دەيلا؟ ئۇنىڭ بىلەن كېمىلەر ۋە يۈزلەر ياغلىنىدۇ، ئىنسانلار ئۇنىڭ بىلەن چىراغ ياندۇرىدۇ» دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇ ھارامدۇر» دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملارشتۇردى: «ئاللاھ يەھۇدىيلارغا لەنەت قىلسۇن! ئاللاھ ئۇلارغا ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئىچ ياغلىرىنى ھارام قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئېرىتىپ ساتتى ۋە پۇلنى يېدى» – (ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/312، 3/324، 326؛ بۇخارى، بۇيۇئ 112؛ مۇسلىم، مۇساقات 71؛ ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 64؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 61؛ نەسەئى، بۇيۇئ 93، فەرئى ۋەلئەتىرە 8؛ ئىبنى ماجە، تىجارەت 11).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر