مۇسۇلمانلار

كونا كىيىمنىڭ كونىلىقىنى دېمەي ساتسام بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر» ـ (مۇسلىم، ئىمان 164؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 74؛ ئەبۇداۋۇد، بۇيۇئ 52؛ ئىبنى ماجە، تىجارەت 36).

«زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ» – (مۇۋاتتا رىۋايەت قىلغان).

شۇنىڭ ئۈچۈن تىجارىي مۇئامىلىلەرنىڭ زۇلۇم قىلىش، ئالداش (بازار باھاسىدىن يۇقىرى بىر باھادا سېتىش)، زىيان سېلىش، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش، مونۇپولچىلىق قىلىش، شەرىئەت ئېلىپ سېتىشنى چەكلىگەن نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش قاتارلىق ئىشلاردىن خالىي بولۇشى كېرەك. بولمىسا ئۇ مۇئامىلە توغرا بولمىغان بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن سىز تۆۋەندىكى ئىككى يولنىڭ بىرى بىلەن ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز توغرا تىجارەت قىلغان بولىسىز:

1 ـ يا تىجارىتىڭىزنى كونا كىيىم ـ كېچەك بازىرىدا قىلىش.

2 ـ يا دۇكىنىڭىزغا «كونا كىيىم ـ كېچەك سېتىش دۇكىنى» دېگەندەك بىر بەلگە قويۇش.

بۇ ئىككى تۈرلۈك يولنىڭ بىرىدە تىجارىتىڭىزنى قىلسىڭىز توغرا كەسپ قىلغان بولىسىز.

ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر