مۇسۇلمانلار

كەلىمە تەييىبەنى بىلمىگەن كىشى مۇسۇلمان ھىسابلىنامدۇ ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

كەلىمە تەييىبە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ. كەلىمە شاھادەتنىڭ مەنىسى بولسا: «مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ.

بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، بۇ كەلىمىلەرنى تىلى بىلەن سۆزلىشى، دىلى بىلەن تەستىقلىشى ۋە پۇت ـ قول ئەزالىرى بىلەن ئۇ كەلىمىلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك! سىز ئالدى بىلەن بۇنى بىلىپ قويۇڭ! ئاندىن بۇ كەلىمىلەرنى بىلمىگەن كىشىنىڭ مۇسۇلمان ھېسابلىنىپ ـ ھېسانلانمايدىغانلىقىغا ئۆزىڭىز قارار بېرىڭ!

سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىز «ئاچقۇچى بولمىغانلىقتىن ئۆيگە كىرمىگەن، شۇنداقلا ئۆينىڭ سىرتىدا قالغان بىر كىشى ئۆينىڭ ئىچىدە ھېسابلىنامدۇ؟» دېگەن سوئالغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. بۇ خىل سوئالغا ئاللاھ تەئالا ئىنسان قىلىپ ياراتقان ھەرقانداق كىشى ھېچ ئويلاپ تۇرماستىنلا «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر