مۇسۇلمانلار

بىليارتخانا ئېچىشقا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مىنىڭ ئاكام بىلتارتخان ئاچقان ، بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم توغرىسىدا چۈشەنچە
بەرسىڭىز . رەھمەت
.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئەگەر سىز \"بىلتارتخان\" دېگەن سۆزىڭىزدىن بىليارتخانا دېمەكچى بولسىڭىز، جاۋابىڭىز تۆۋەندىكىچە:

سىز ئەگەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىرى بولسىڭىز، نېمە ئۈچۈن ئاكىڭىز بىليارتخانا ئاچقىلى قوپقاندا توسمىدىڭىز؟ ياكى نېمە ئۈچۈن شۇ چاغدا بىلىدىغانلاردىن بىليارتخانا ئېچىشنىڭ ھۆكمىنى سورىمىدىڭىز؟

نېمە ئۈچۈن ئاكىڭىزنىڭ بىليارتخانا ئېچىپ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئەۋلادىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى بىكار ئۆتكۈزۈشىگە، قىمار ئوينىشىغا، ئاتا ـ ئانىسىنى قاقشىتىشىغا، نامازنى تەرك ئېتىشىگە، ئىلىم ـ مەرىپەتتىن مەھرۇم قېلىشىغا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلىۋى ھۇزۇرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ھەتتا نۇرغۇنلىغان ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان ئاشۇنداق بىر«شەيتان بازىرى» نى ئېچىشىغا ھېچ قارشىلىق كۆرسەتمىدىڭىز؟ بەلكىدە قوللاپ ـ قۇۋۋەتلىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن!

ئەمدى كېلىپ «زىنادىن تاپقان بالام توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز» دېگەندەك گەپ قىلىسىز. بۇ گىپىڭىز ئىسلامغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.

ئەگەر سىز بۇ سوئالنى سوراشتا سەمىمىي بولسىڭىز، ئاكىڭىز ۋە سىز دەرھال تەۋبە قىلىڭلار ۋە شۇ ئانغىچە ئۇ «بازار» دىن تاپقان پۇللارنى ياخشى يوللارغا بېرىۋېتىڭلار.

شۇنىمۇ دەپ قويايكى بىليارتخانىنى تاقىۋەتمىسەڭلار، تەۋبە قىلغان بولمايسىلەر!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر