مۇسۇلمانلار

دۇكانغا ھاۋا پۇلى تۆلەش توغرىمۇ؟

1. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

بىر كىشى بىر دۇكاننى بىرقانچە يىللىق ياكى ئۆزى خالىغان ۋاقىتقىچە ئىجارىگە ئالغان بولسا، مۇددەت توشۇشتىن بۇرۇن باشقا بىر كىشىگە ئۇ دۇكاننى ئۆتۈنۈب بەرگەنلىكى ئۈچۈن دۇكاننىڭ ئەسلى ئىگىسىنى خەۋەردار قىلىش شەرتى بىلەن دۇكاننى يېڭى ئىجارىگە ئالماقچى بولغان كىشىدىن مۇۋاپىق مىقداردا بەدەل ئالسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ، بىر مەنپەئەت سېتىش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇكاننى يېڭى ئىجارىگە ئالغۇچى كىشى بۇ بەدەلنى كونا ئىجارىچىگە تۆلەيدۇ، دۇكاننىڭ ئىجارىسىنى بولسا يېڭىدىن تۈزۈشكەن توختام بويىچە دۇكان ئىگىسىگە تۆلەيدۇ.

لېكىن سىزنىڭ سوئالىڭىزدا، دۇكان ساتماقچى بولغان تەرەپ دۇكاننى سېتىۋالماقچى بولغان تەرەپتىن دۇكاننىڭ بازار باھاسى بويىچە بەلگىلەنگەن بەدىلىدىن باشقا مەلۇم مىقداردا بىر پۇل ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنىپتۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر يۇقىرىدىكى جاۋاب، سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بولمىغان بولسا، سوئالىڭىزنى بىرئاز ئېنىقراق قىلىپ قايتا سورىغايسىز.

( يوللىغۇچى: ebulfatih       يوللانغان ۋاقىت: 09-04-2009 )

2. ئەسسالامۇئەلەيكۇم!ئۇستاز
مەنپەئەت سېتىش دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟

( يوللىغۇچى: 114              يوللانغان ۋاقىت: 09-04-2009 )

3. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

مەنپەئەت سېتىش دېگەن، بىر نەرسىدىن مەلۇم مۇددەت پايدىلىنىۋېلىشنى سېتىش دېمەكتۇر. مەسىلەن: بىر كىشىگە بىر ئۆيدىن مەلۇم بىر مۇددەت پايدىلىنىۋېلىشىنى، بىر ئېشەككە بىر يەردىن بىر يەرگىچە مىنىۋېلىشىنى ساتقانغانغا ئوخشاش.

بىر قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇپ بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىۋېلىش ئۈچۈن يولۇچىلار پۇل تۆلەيدۇ. بۇ پۇل ئۇ قاتناش قورالىنىڭ ياكى ئۇنى مەلۇم بىر قىسمىنىڭ بەدىلى بولماستىن، ئۇ قاتناش قورالىدىن بىر يەدىن بىر يەرگىچە پايدىلىنىۋالغانلىقنىڭ بەدىلى بولىدۇ.

خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىشى بىر دۇكاننى 10 يىللىق ئجارىگە ئېلىپ مەلۇم بىر كەسىپ ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بولسا، ئىككى ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىرى كېلىپ: «بۇ دۇكاننى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرسىلە، مەن ئاچماقچى ئىدىم» دېسە، دۇكاننى ئېچىۋاتقان كىشى: «مەن بۇ دۇكاننى ئېچىپ مانچە يىلدىن بۇيان ئىش قىلىۋاتىمەن، مەن بۇ ئەسنادا دۇكانغا خېرىدار كۆندۈردىم، بۇ دۇكاندا بۇ ئىشنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلدى، مەن بۇ دۇكاندىن پايدا ئېلىۋاتىمەن، دۇكان ئىگىسى بىلەن قىلىشقان توختامىمىز بويىچە تېخى مانچە يىل بۇ دۇكاننى ئىشلىتىش ھەققىم بار، لېكىن بۇ ھەققىمنى ئۆزلىرىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىم ۋە پايدامدىن ۋاز كەچكەنلىكىم ئۈچۈن، ماڭا مانچىلىك بەدەل تۆلەيلا، دۇكان ئىجارىسىنى دۇكان ئىگىسى بىلەن دېيىشىلا، ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئىشىم يوق» دەپ دۇكاننى يېڭى ئىجارىگە ئالماقچى بولغان كىشىدىن ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ مەلۇم مىقداردا بەدەل (پۇل ياكى باشقا بىر نەرسە) ئالسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ دۇكاندىن ئېلىپ كېلىۋاتقان مەنپەئەتىنى ساتقانلىقى بولىدۇ.

( يوللىغۇچى: ebulfatih                يوللانغان ۋاقىت: 09-04-2009 )

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر