مۇسۇلمانلار

قۇرئان كەرىم مەسخرە قىلىنىۋاتقان يەردە ئولتۇرۇشقا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«اﷲ كىنابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ» ـ (نىسا سۈرىسى 140 ـ ئايەت).

«بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سىلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگىچە، ئۇلار بىلە بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىە كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن» ـ (ئەنئام سۈرىسى 68 ـ ئايەت).

قېرىندىشىم! سىز مۇمكىن بولسا، ئۇنداق يەرلەردە بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئىش قىلىشىڭىز لازىم. لېكىن ئۇنداق يەرلەرگە بېرىشقا ۋە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ بارغان بولسىڭىز گۇناھكار بولمايسىز. چۈنكى ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«كىمكى اﷲ غا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا،- قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۇرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا- كۇفۇر بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ اﷲ نىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ» ـ (نەھل سۈرىسى 106 ئايەت).

بۇ ئايەتتە «قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان لېكىن مەجبۇرلاش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى ئاغزىدىلا بىلدۈرگەنلەرنىڭ مۇرتەد بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. سىز ئىماندىن يانغانلىقىڭىزنى سۆزلىمەيسىز، لېكىن دىنغا ھاقارەت قىلىنغانلىقىنى ئاڭلايسىز. بۇ ئايەتكە ئاساسەن سىزنىڭ قەلبىڭىز ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇش شەرتى بىلەن ئۇنداق كۇپۇر سۆزلەرنى مەجبۇرلاش ئاستىدا ئاڭلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر