مۇسۇلمانلار

پالانى ئايەتنى مانچە قېتىم ئوقۇسا مانداق بولىدۇ دېگەن گەپ راستمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! «پالانى ئايەتنى ئوقۇسا، ئۇنداق بولىدۇ؛ پۇستانى ئايەتنى ئوقۇسا مۇنداق بولىدۇ» دېگەن شەكىلدىكى رىۋايەتلەر يا زەئىپتۇر ياكى ئويدۇرمىدۇر. دىنىمىزدا ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىش ئاساستۇر. ئايەتنىڭ لەۋزىنى ئوقۇپ ساۋاپ تاپىمەن دەپ ئولتۇرۇش، دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىستېمال قىلماي، ھەر كۈن رېتسېپنى بىرقانچە قېتىم ئوقۇپ قويۇپ ساقىيىمەن دەپ ئولتۇرۇرۇش بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر.

ئەپسۇس! ئۇنداق يالغان ـ ياۋىداق رىۋايەتلەر قۇرئان كەرىمدىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا راۋاج تاپماقتا. ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۇنداق رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى تەييارلاش ۋە نەشىر قىلىش، ئۇلارغا زەھەرنى شاكىلات بىلەن قاپلاپ بەرگەن بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. كىتابنىڭ بېشىدىكى بىسمىللاھ…، ئىچىدىكى توغرا سۆزلەر شاكىلاتتۇر، ئۇنداق رىۋايەتلەر زەھەردۇر.

بۇ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىشلىمەيلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان ھىيلە ـ مىكىرلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر.

يىغىپ ئېيتقاندا ئۇنداق رىۋايەتلەر سەنەد ئېتىبارى بىلەن يا زەئىپتۇر ياكى ئويدۇرمىدۇر. مەنا ئېتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن بىلەن يىراقتىن ـ يېقىندىن ھېچقان مۇناسىۋىتى يوقتۇر!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر