باش بەت > بىدئەت > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! بىر ـ بىرى بىلەن سالاملىشىش، بىر ـ بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا قىلىنىدىغان ياخشى ئىشتۇر. دىنىمىز بۇنىڭغا تەشۋىق قىلىدۇ. لېكىن ئارىدا ئۇچراشقان ئىش يوق، بىر ياتاقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ نامازدىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى ۋە ھېچقانداق ئاساسى يوقتۇر، بىدئەت ئىشتۇر. مەسچىتنىڭ جامائىتىنىڭ مەسچىتتىن چىقىپ قاتار تۇرۇپ كۆرۈشۈشىمۇ بىدئەت ئىشتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشقا بۇيرۇمىغان، ئۆزىمۇ بۇنداق ئىشنى قىلمىغان.

مۇسۇلمان مەسچىتكە باشقىسى بىلەن كۆرۈشكىلى ئەمەس، ناماز ئوقۇغىلى بارىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تېپىلمايدىغان نۇرغۇن بىدئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ بىرى نامازدىن كېيىن جامائەتنىڭ تارقىلىپ كەتمەي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىدۇر. سىلەرنىڭ كاللا قاتۇرۇش ئۈچۈن مەسىلە تېپىلمىغاندەك «ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن قول ئېلىشىپ كۆرۇشۈش توغۇرلۇق ھەرخىل كۆزقاراش پەيدا» قىلىۋاتقانلىقىڭلارمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالدۇر.

مەسچىت ئىبادەت يېرىدۇر. پەرز نامازلارنىڭ مەسچىتتە ئوقۇلۇشى لازىم؛ نەپلە (سۈننەت) نامازلارنىڭ بولسا ئۆيدە ئوقۇلۇشى ئەۋزەل، لېكىن مەسچىتتە ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ.

مەن ئەنە شۇ بىدئەتنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن سوراپ باقاي:

بىر كىشى پەرز نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، سۈننەت نامازلارنى ئۆيىدە ئوقۇماقچى بولسا، جامائەت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن توختامدۇ؟ ياكى بىر كىشى سۈننەتلەرنى مەسچىتتە ئوقۇپ، بىرئاز قۇرئان كەرىم ياكى بىرئاز زىكىر ـ تەسبىھ ئوقۇماقچى بولسا سىرتقا چىقىپ جامائەت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋېتىپ ئاندىن مەسچىتكە قايتا كېرەمدۇ؟

دىنىمىز مانا مۇشۇنداق: «مېنىڭچە ياخشى بولىدۇ، قىلسا نېمە زىيىنى بار؟ قىلسا ھېچنېمە بولمايدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھازىرقى شەكىلگە كىردى. قۇلچىلىقنى ئاللاھقا قىلىش كېرەك. بىر كىشى دىندا ئاساسى يوق بىر ئىشنى «مېنىڭچە بۇ ئىش ياخشىتۇر» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىندا ئاساسى بامۇ، يوقمۇ؟ دەپ ئىزدىنىپ باقمايلا «پالانى زاتنىڭچە بۇ ئىش ياخشى ئىكەن» دەپ قىلىش، شۇ پالانى زاتنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىق بولىدۇ.

تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن ھەسسان ئىبنى ئەتىييە (رەھىمەھۇللاھ) نىڭ: «بىر بىدئەت پەيدا بولسا، بىر سۈننەت يوق بولۇپ كېتىدۇ. شۇ بىدئەت يوقالمىغۇچە، ئۇ سۈننەت ئورنىغا كەلمەيدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر سۆزى بار. (بۇ سۆز دارىمىدە ۋە ئىبنى بەتتە دېگەن كىشىنىڭ ئەلئىبانەتۇلكۇبرا دېگەن كىتابىدا ئۆتىدۇ).

جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا پەرزدىن سالام بېرىلگەندىن كېيىن جامائەت ئەركىن قويۇۋېتىلمىگەنلىكى، ئۇلار ئەنە شۇنداق بىدئەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن سۈننەتلەرگە ئەمەل قىلىنمايۋاتىدۇ. مەسىلەن:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن كېيىن «سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» نى 33 قېتىمدىن ئوقۇشقا «لائىلاھە ئىللەللاھ» نى بىر قېتىم ئوقۇشقا تەشۋىق قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ زىكىرلەرنى ئوقۇشقا ئەمر قىلغانمۇ ئەمەس. بۇ زىكىرلەرنى ئۆزى ياكى مۇئەززىنلىرىدىن بىرى قوماندانلىق قىلىپ ئوقۇغانمۇ ئەمەس. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشىچە بۇ زىكىرلەر پەرزدىن كېيىنلا ئوقۇلىدۇ.

بۇ زىكىرلەرنى ئوقۇشنى خالىغانلار پەرزدىن كېيىنلا مەسچىتتىن چىقىپ يولدا كېتىۋېتىپ ئوقۇسىمۇ ياكى پەرزدىن كېيىن ناماز ئوقۇغان يېرىدە بىرقانچە مىنۇت ئولتۇرۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ھېچ ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇ زىكىرلەرنى جامائەت بولۇپ، ئىمامنىڭ ياكى مۇئەززىننىڭ قوماندانلىقىدا ئوقۇشتىن ئىبارەت بىدئەت پەيدا بولغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە مۇھىم ئىشى بولغانلار، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت بولغان ئەڭ كۈچلۈك سۈننەتنى (بۇنى پەرز دېگەنلەرمۇ بار) تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار: «مەسچىتكە بارسام پەرزدىن كېيىنلا چىقىپ كېتەلمەيدىكەنمەن، شۇنىڭ بىلەن ئىشىمغا كېچىكىپ قالىدىكەنمەن» دەپ نامازنى ئۆيىدە ئوقۇيدۇ.

تېخى بەزى جايلاردا «ئەۋراد شېرىپ» ئوقۇيمىز دەپ جامائەتنى مەسچىتتىن چىققىلى قويمايدىغان، ھەتتا ئىمامدىن بۇرۇن مەسچىتتىن چىقىپ كەتكەنلەرنى «قىيامەت كۈنى توڭگۇز بىلەن قوپىدۇ» دەپ قورقىتىدىغان ئىشلار بار. بۇ سەۋەپتىن بەزىدە مەسچىتتىكى بەزى كىشىلەرنى بالىلىرى چاقىرغىلى كېلىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.

مانا بۇ ئىشلار بىدئەتتۇر. كىشىلەرنىڭ دىنغا بولغان ئەقىدىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. دىنىنى ئۆزگەرتكەنلىكتۇر، قىسقىسى ئاللاھتىن قورقمىغانلىقتۇر.

سوئالىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر مۇنداق:

1 ـ ئەبۇ خەتتاب قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئەنەسكە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئارىسىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئادىتى بارمىدى؟»، دەپ سورىسام، ئۇ: «ھەئە»، دەپ جاۋاب بەردى. – (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىستىن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ يوللۇقلۇقى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلەر ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقى چىقىدۇ.

2 ـ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، يەمەنلىكلەر كېلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا يەمەنلىكلەر كەلدى، ئۇلار ئەڭ بۇرۇن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى ئادەت قىلغان خەلق»، دېدى. — (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىستىن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈكۈت ئارقىلىق ماقۇللىغان ئىش ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئادەتنى كىشىلەر ئارىسىغا تۇنجى بولۇپ ئېلىپ چىققانلارنىڭ يەمەنلىكلەر ئىكەنلىكى چىقىدۇ.

3 ـ بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى مۇسۇلمان ئۇچرىشىپ قول ئېلىشىپ سالاملاشسا، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ».— (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىستىن: ئۇچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ۋە بۇنى تەرغىب قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بۇنداق قىلىشنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن ئىكەنلىكى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى چىقىدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ