مۇسۇلمانلار

تەھىييەتۇلمەسچىت قانداق ناماز؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

تەھىييەتۇلمەسچىد نامىزى بىر نەپلە نامازدۇر. بىر كىشى باشقا بىر كىشى بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى باشقا بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى سالام بېرىش بولغاندەك، ئاللاھنىڭ ئۆيىگە كىرگەن كىشىمۇ تۇنجى بولۇپ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتكە كىرىپ سالام بەرگەنلىكى بولىدۇ. بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق ئادەم مەسجىدكە كىرگەن چاغدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاندىن ئولتۇرسۇن» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم، مەسجىدتە ئولتۇرغانىكەن، ماڭا: «ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغىن»، دېدى. – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسلەردە ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقى، مەزكۇر نامازنىڭ چوقۇم ئوقۇمىسا بولمايدىغان ناماز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكىدە بۇ نامازغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ھەدىسلەرنى ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەدىسلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى مەسچىتكە كىرگەن چېغىدا پەرز نامازغا باشلانغان بولسا ياكى بىر كىشى مەسچىتكە كىرىپلا پەرز نامازنىڭ ئالدىدا ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازنى ئوقۇماقچى بولسا، بۇ كىشىلەرنىڭ تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزىنى ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ شۇ نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى مەسچىتكە كىرىپلا قىلىنىدىغان ئىشنىڭ ناماز ئوقۇش بولۇشىدۇر. بۇ نامازنىڭ قايسى ناماز بولۇشى مۇھىم ئەمەس.

يىغىپ ئېيتقاندا: تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزىنى مەسچىتكە سالام بېرىش نامىزى دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن نىيەت قىلغاندا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇش نىيىتىنى قىلىش لازىم. نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىتكە كىرگەن كىشى ئەگەر مەسچىتكە كىرىپ بىر پەرز نامازغا ئاران ئۈلگۈرمىگەن بولسا ياكى پەرزنىڭ ئالدىدىكى سۈننەتلەردىن بىرىنى ئوقۇيدىغان ئىشى بولمىسا، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا تەھىييەتۇلمەسچىت نامىزى ئوقۇغان بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر