مۇسۇلمانلار

قېچىپ تەگسەم بولامدۇ؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەگەردە بىر مۇسۇلمان يىگىت ئويىگە ئەلچى كىر گۇزسە، قىزنىڭ مەيلى بولسا، ئاتا – ئانىسى يىگىتنى نامرات كورۇپ قوشۇلمىسا قىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قىچىپ كېتشى توغرىمۇ؟ (يىگىت بولسا ئەلھەمدۇلىللاھى سالىھ مۇسۇلمان).

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ياق، توغرا ئەمەس. بۇنداق چاغدا قىز يېقىننى ئويلاپ، ھېسسىياتچانلىق بىلەن قارار بېرىدۇ. ئاتا ـ ئانا يىراقنى ئويلاپ ئەقىل بىلەن قارار بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىمىز نىكاھنىڭ مۇۋاپىق بولۇپ بولمىغانلىقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئاتا ـ ئانىغا بەرگەن.
مۇسۇلمانلىقنى ياكى سالىھلىقنى يېگىلى بولمايدۇ. دىنىمىزدا بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان ياكى سالىھ بولۇشى، ئۇنىڭ بىر قىزنى نىكاھىغا ئېلىش ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ. مۇسۇلمان بىر قىزنى نىكاھىغا ئالماقچى بولغان يىگىتنىڭ، يىگىتلىكى، مۇسۇلمانلىقى ۋە سالىھلىقى قاتارلىق تەرەپلىرىدىن باشقا شۇ قىزنى نىكاھىغا ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەل قىلىپ باقالايدىغان ھالەتتە بولۇشى لازىم.
شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۇئمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن» دېيىلىدۇ. ـ (نىسا سۈرىسى 25 ـ ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سىلەردىن ئەر ـ خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ چىقىملىرىنى قىلالايدىغانلار ئۆيلەنسۇن، كۈچى يەتمىگەنلەر روزا تۇتسۇن» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار.
شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەمەن پۇرايدىغان قۇرۇق يىگىت» لەر، قىزلارنىڭ ھېسسىياتچانلىقىدىن ياكى ئۇلارنىڭ دىنىمىزغا بولغان سادىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئاتا ـ ئانىسىغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلماسلىقى كېرەك. ئۇلارنىڭ قىزغا دۇنيالىق جەھەتتىن تەڭ كېلىشى ۋە قىزغا تويلۇق بېرىشى شەرت قىلىنىدىغان، بىر ئائىلىنىڭ پۈتۈن چىقىمى ئۆز زىممىلىرىگە يۈكلىنىدىغان بۇ نىكاھ توختامىدا ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتە شۇ قىزغا تەڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە كېيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى قامداپ كېتەلەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ياكى سالىھلىقىنى سەرمايە سۈپىتىدە، ئوتتۇرىغا تاشلاپ «ئۈشۈرۈپ» تۇرۇشى بىر مۇسۇلمانغا ياراشمايدۇ.
قىزلارنىڭمۇ ئۇنداق «قۇرۇق يىگىت» لەرنىڭ «قەغەز ئايرۇپىلان» لىرىغا ئولتۇرماسلىقى، ھاياتىنىڭ بۇ مۇھىم قەدىمىنى ئاتا ـ ئانىسى ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ مەسلەھەتى بىلەن بېسىشلىرى كېرەك . يەنى ئۇلار ھېسسىياتچانلىق بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن قارار بېرىشىلىرى لازىم.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر