مۇسۇلمانلار

ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ خوتۇنىنى ئۇكىسى ئالسا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

مەن ئۇ ئىشنىڭ باشقا مىللەتلەردە بار ـ يوقلۇقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭ بىلگىنىم شۇ: ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايال، 4 ئاي، 10 كۈن ئىددەت تۇتىدۇ، ئىددىتىنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن خالىغان كىشى بىلەن نىكاھلانسا بولىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 234 ـ ئايىتىگە قاراڭ.

بۇ ئايال ئىددىتىنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆلۈپ قالغان كونا ئېرىنىڭ ئاكىسىغا تېگەمدۇ، ئۇكىسىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. دىنىمىز ئۇنىڭغا بۇ ئەركىنلىكنى بەرگەن. سىز نىسا سۈرىسىنىڭ 23 ـ ۋە 24 ـ ئايەتلىرىنى دىققەت بىلەن ئوقۇڭ. ئۇ ئايەتلەردە بىر ئەر كىشى ئۈچۈن نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە، ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئۇكىسىنىڭ ئىددىتى توشقان ئاياللىرى يوق. ئەكسىچە نىكاھلىنىش ھالال قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە بار.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتلەردە نىكاھلىنىش ھارام بولغان ئاياللارنى بىر ـ بىرلەپ بايان قىلغاندىن كېيىن: «بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ)نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى» دەيدۇ.

نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە زىكىر قىلىنمىغان ئاياللار، ئايەتتىكى: «بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرى» نىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر