مۇسۇلمانلار

ئەمەل – ئىبادەت قىلمىغانلارنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! مەن سىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامنى قانداق چۈشەندۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسنى دەپ بېرەي، سىز مۇسۇلماننىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكى چۈشىنىۋېلىڭ.

ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز قېشىمىزغا كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا بىر كىشى چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن سەپەر قىلغانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى. ھېچ قايسىمىز ئۇنى تونۇمىدۇق. ئۇ ئىككى تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تىزىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى ئالىقىنىنى ئىككى يوتىسىغا قويۇپ: «ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىسلام دېگەن بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەيسەن، پەرز نامازنى ئوقۇغايسەن، زاكات بەرگەيسەن، رامزان روزىسىنى تۇتقايسەن، قادىر بولالىساڭ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىپ، ھەج قىلغايسەن»، دېدى. – (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

مەن سىزگە شۇنىمۇ دەپ قويايكى: مۇسۇلماننىڭ باشقىلارنى «سەن ئۇنداق، سەن مۇنداق» دەپ يۈرۈش مەجبۇرىيىتى يوق. قولىمىزدىن كەلسە باشقىلارغا توغرىنى يەتكۈزىمىز. ئۇلار ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. بىز: مائىدە سۈرىسىنىڭ 105 ـ ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئىش قىلىمىز، باشقىلار ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولىمىز. ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 12 ـ ئايىتىگە قاراڭ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر