مۇسۇلمانلار

تىلاۋەت سەجدىسى قانداق قىلىنىدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قۇرئان كەرىمنىڭ 15 يېرىدە سەجدە تىلاۋەت قىلىش سۈننەتتۇر. بۇ سەجدىنى شۇ سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان كىشى قىلىدۇ. قۇرئاندا سەجدە ئايىتىدە بەلگە قويۇلىدۇ: ئايەتنىڭ ئۈستىگە ياكى ئاستىغا سىزىق سىزىلىدۇ، تۇرغۇچنىڭ ئۈستىگە ئەرەبچە «ئەسسەجدەتۇ» دەپ يېزىلىدۇ. سەجدە قىلىنىدىغان ئايەتلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئورنى ۋە نومۇرى تۆۋەندىكىچە:

ئەئراف سۈرىسىنىڭ 206 ـ ئايىتى، رەئد سۈرىسىڭ 15 ـ ئايىتى، نەھل سۈرىسىنىڭ 49 ـ ئايىتى، ئىسرا سۈرىسىنىڭ 107 ـ ئايىتى، مەريەم سۈرىسىنىڭ 58 ـ ئايىتى، ھەج سۈرىسىنىڭ 18 ـ ۋە 77 ـ ئايىتى، فۇرقان سۈرىسىنىڭ 60 ـ ئايىتى، نەمل سۈرىسىنىڭ 25 ـ ئايىتى، سەجدە سۈرىسىنىڭ 15 ـ ئايىتى، ساد سۈرىسىنىڭ 24 ـ ئايىتى، فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 37 ـ ئايىتى، نەجم سۈرىسىنىڭ 62 ـ ئايىتى، ئىنشىقاق سۈرىسىنىڭ 21 ـ ئايىتى، ئەلەق سۈرىسىنىڭ 19 ئايىتى.

تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ قىلىنىش شەكلى:

بىر كىشى يۇقىرىدىكى سەجدە ئايەتلىرىدىن بىرنى ئوقۇسا ياكى ئاڭلىسا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ تۇرۇپ «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. سەجدىدە خالىغىچە دۇئا قىلسىمۇ بولىدۇ، «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. يەنە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىدىن باش كۆتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەجدە تىلاۋەت ئاخىرلىشىدۇ. يەنى سەجدە تىلاۋەت بىر سەجدىدۇر. بۇ سەجدىدە سالام بېرىش ياكى سەجدىدىن باش كۆتۈرگەندىن كېيىن دۇئا قىلىش يوقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر