مۇسۇلمانلار

قاڭشار چىقارسا گۇناھ بۇلامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ھەدىس بار:

ئەرفەجە ئىبنى ئەسئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جاھىلىيەت دەۋرىدە بولغان كۇلاب ئۇرۇشىدا بۇرنۇم كېسىلىپ كەتكەن بولۇپ، مەن كۈمۈشتىن بىر بۇرۇن سالدۇرغان ئىدىم، پۇراپ مېنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ئىدىم. ئۇ ماڭا ئالتۇندىن بىر بۇرۇن سالدۇرۇشۇمنى تەۋسىيە قىلدى. – (ئەبۇ داۋۇد، خاتەم 7؛ تىرمىزى، لىباس 31؛ نەسەئىي، زىنەت 41).

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، بىرەر ھادىسە تۈپەيلىدىن بىرەر ئەزاسى ناكار بولۇپ كەتكەن كىشى، ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرسە بولىدۇ. چۈنكى باشقا بىر ماددىدىن بۇرۇن سالدۇرۇشقا بولغان يەردە ئەسلى بۇرۇننى ئورنىغا كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر