مۇسۇلمانلار

چاقىرىلغان يەرنىڭ ھەممىسىگە بارغان ئىمامغا ئىقتىدا قىلغىلى بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئۇ ئىمام ياخشى ئىمام ئىكەن. ئىمام دېگەن جامائەت چاقىرىغان يەرگە بارسا بولىدۇ. ئىمامنىڭ جۈمە نامىزىدا تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسى يوق. جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوقۇسا كۇپايە قىلىدۇ. بۇنداق ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇسىڭىز بەك ئۇبدان بولىدۇ. نامىزىڭىزدىن ئاللاھ تەئالانىڭ رازى بولۇشى، سىزنىڭ نىيىتىڭىزگە باغلىق بىر ئىش.

بىر ئىمامنىڭ توي ـ تۈكۈنلەرگە ۋە نەزىر ـ چىراغلارغا بېرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئىمام بولغان كىشىنىڭ مەن ئىمام دەپ ھېچبىر يەرگە بارماي ئولتۇرۇشى كېرەكما؟ ئىمامنىڭ كىشىلەر بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولمامدۇ؟ ئىمامنىڭ قۇدا ـ باجىسى بولمامدۇ؟ ئىمامنىڭ قولۇم ـ قوشنىسى يوقمۇ؟ شۇمۇ گەپمۇ؟ شۇمۇ سوئالمۇ؟ سىزگە ئىمامنىڭ نەگە بېرىپ، نەگە بارمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەردى؟ ئاللاھمۇ؟ ياكى پەيغەمبەرمۇ؟

سىز مەسچىتكە چىققان ۋاقتىڭىزدا ئىمام، سىز ئونىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغان نامازنى خاتا ئوقۇسا، بۇ توغرىدا ئىمامنى ئىلمىي يوسۇندا، ئەدەپ ـ ئەخلاق قائىدىلىرى ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇ خاتالىقنىڭمۇ سىزنىڭچە ئەمەس، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭچە خاتالىق بولۇشى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر