مۇسۇلمانلار

ئالالمىغان پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! سىز «بەزى ئۇستازلار» دەپ كىمنى دېمەكچى؟ تۆمۈرچىلەرنىمۇ؟ ياكى ياغاچچىلارنىمۇ؟ ۋە ياكى مەدەكتە سۇ ئىسسىتىپ تۆمۈرچى ئەتكەن كونا ئۇستۇرادا باش چۈشۈرىدىغان ساتىراشلارنىمۇ؟

ئەگەر بۇ گەپنى ھاياتىدا بىرەر قېتىم بىر دىنى ئالىمنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ باققان بىر ئادەمدىن سورىغان بولسىڭىز، ئۇ سىزگە: «سىز ئاتىڭىزنىڭ ئۇغلى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئاشۇ قايتۇرۇپ ئالالمايۋاتقان پۇلىرىڭىزلارنىڭ ھۇشىراـ زاكىتىنى ئارىشىڭىزلارغا تۇغرا كىلىدۇ» دېگەن يالغان گەپنى قىلمىغان بولاتتى!

دىن، ئەقىل ۋە مەنتىق قاتارلىقلارغا خىلاپ كېلىدىغان، ئىنساننىڭ فىتىرىتىگە زىت بولغان ئۇنداق يالغان گەپنى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىلنى تامامەن يوقاتقان بولۇش كېرەك، شۇنداقلا دىندىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان بولۇش كېرەك.

قەرزدار كىشى يوق بولۇپ كەتسە، ئۇ پۇلنى ئېلىشقا كۆزڭلار ئىلمىسە، نېمىگە زاكات ئايرىيسىلەر؟ زاكات دېگەن قولىدىكى پۇل – مالغا كېلىدىغان نەرسە تۇرسا، ئۇ پۇل سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولمىسا، سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولمىغان ئۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى سىلەر ئايرىڭلار دېيىش «ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك» بولمامدۇ؟

ئىنسانلار تۈزگەن باتىل تۈزۈملەردىمۇ قولىڭىزدا يوق پۇلنىڭ بېجىنى سىز بېرىڭ دەيدىغان بىر گەپ يوق. ئاللاھ تەئالانىڭ دىنى بۇنداق بىر زۇلۇمدىن پاكتۇر. سىز تور بېتىمىزدىكى «زاكات ھەققىدە ساۋات» نى ئوقۇپ بېقىڭ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر