مۇسۇلمانلار

بامداتتىن كېيىن ئۇخلاشقا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! بۇ توغرىدا مۇنداق بىر ھەدىس بار:

سەخر ئىبن ۋەدائە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئەتىگەنكى ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرگىن»، دەيتتى. رەسۇلۇللاھ بىرەر يەرگە ئاز ياكى كۆپ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتسە، ئۇلارنى ئەتىگەنلىكى يولغا سالاتتى. سەخر سودىگەر بولۇپ، باشقا جايلارغا سودا ماللىرىنى ئەتىگەندە ئەۋەتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بېيىپ مالدار بولۇپ كەتكەنىدى. ـ (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) سەپەرگە چىققاندا پەيشەنبە كۈنى بولسۇن ياكى باشقا كۈنلەردە بولسۇن ئەتىگەن تەرەپتە چىقىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەت، سودا ۋە باشقا پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشتە ئەتىگەننى قولدىن بەرمەسلىكنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) سەھەردە كىشى تېتىك بولىدۇ. ئىش ئاۋۇيدۇ، پايدا كۆپىيىدۇ، بەرىكەتلىك بولىدۇ.

بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، بامدات نامىزىدىن كېيىن ئۇخلىغان ئادەم ياخشى ئىش قىلمىغان بولىدۇ. لېكىن بىر كىشىنىڭ بامدات نامىزىدىن كېيىن ئىشىنى باشلايدىغان ۋاقىتقىچىلىك بىرئاز ۋاقتى بولسا، ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىۋېلىشىغىمۇ بولىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدىكى ھەدىس ئىشنىڭ ئەۋزەل تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ھەدىس ياكى باشقا بىر ھەدىس بامداتتىن كېيىن ئۇخلاشتىن مەنئى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بامداتتىن كېيىن ئۇخلاش ئەسلى مۇباھ (رۇخسەت) لىقى بىلەن قالىدۇ.

«ناماز ئۇقۇغاندا فاتىھەدىن كېيىنكى سۈرىنى ئۇقۇغان چاغدا بىسىمىللاھىر رەھمانىر رەھىم نى دەيمىزمۇ؟» دېگەن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، فاتىھەدىن كېيىن «بىسمىلاھ….» نى دېمەيمىز، لېكىن دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەر پەرقلىقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر