مۇسۇلمانلار

ئاچچىقسۇ ھاراممۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

قېرىندىشىم! ئاچچىقسۇ ھارام ئەمەس. چۈنكى ئاچچىقسۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ھەدىسلىرىدە ھارام دەپ كۆرسىتىلگەن نەرسىلەرنىڭ قاتارىدا يوقتۇر. قۇرئان ۋە ھەدىستە بىر نەرسىنىڭ ھارام بولىشىغا كۆرسىتىلگەن سەۋەبمۇ ئاچچىقسۇدا تېپىلمايدۇ.

يولدىشىڭىزنىڭ مومىسىنىڭ بۇنداق ھالال، ھارام مەسىلىسىدە ئېچىتىلغانلىقنى دەلىل قىلىپ، «بولمايدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى ئۇنىڭ تەقۋالىقىدىن ئەمەس، تەرسالىقىدىنۇر. چۈنكى تەقۋادار بىر كىشى ھەرگىزمۇ ئۆزى چاغلاپ «ماۋۇ ھارام، ئاۋۇ ھالال» دەپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ.

ئاچچىقسۇ دېگەن ئاشۇنداق ئېچىتىلىپ ياسىلىپ تاماقلاردا تېتىتقۇ قىلىنىدىغان نەرسىدۇر. ئەرەبچىدە ئاچچىقسۇنى «خەلل» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «خەلل نېمە دېگەن ياخشى تېتىتقۇدۇر» دەپ بىر ھەدىسى بار. (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

ئەگەر يولدىشىڭىزنىڭ ئۇ مومىسى دېگەندەك ئېچىتىلىپ ياسالغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقسۇنى ئىشلىتىشكە «بولمايدۇ» بولىدىغان بولسا، پاگىي (خېمىرتۇرۇچ) نىمۇ ئىشلىتىشكە «بولمايدۇ» بولۇشى لازىم. چۈنكى پاگىيمۇ ئېچىتىلىپ ياسىلىدىغان ۋە خېمىرنى بولدۇرۇش (كۆپتۈرۈش) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېچىتقۇدىن ئىبارەت.

يولدىشىڭىزنىڭ ئۇ مومىسى بولاق مانتىلارنى ئۇبدان يەيدىغاندۇ؟ خېمىرتۇرۇچ سېلىپ بولدۇرۇلغان خېمىردا ئېتىلگەن باشقا تاماقلارنى ھېچ ئېتىراز بىلدۈرمەي يەيدىغاندۇ؟ ھالبۇكى بولدۇرۇلغان خېمىرلەرنىڭ ئىچىدە ئېچىتىپ ياسالغان پاگىي (خېمىرتۇرۇچ) بار.

بۇنىڭغا ئاساسەن يولدىشىڭىز مومىسىنىڭ ئاچچىقسۇ ھەققىدە «ئستېمال قىلىشقا بولمايدۇ» دېيىشى، ئۇنىڭ تەقۋالىقىغا ئەمەس، ئۇنىڭ تەرسالىقىغا، ئۇنىڭ جاھىللىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورقمىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھىچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» – (نەھل سۈرىسى 116 – ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر