مۇسۇلمانلار
80 - دەلىلسىز سۆزلىمە 1

80 – دەلىلسىز سۆزلىمە

دەلىل بىلەن سۆزلەش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ… ٣٦﴾

«ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان نەرسىگە ئەگەشمىگىن…» – (17 – سۈرە ئىسرا، 36 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ١٨﴾

«ئۇ قانداق سۆز قىلسا، يېنىدا يېزىشقا تەييار بىر كۆزەتكۈچى بار» – (50 – سۈرە قاف، 18 – ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ يالغانچىلىقى ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىلدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) خەۋەرلەرنى ئىنىقلاش ۋە ئاڭلىغان سۆزنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىۋەرمەسلىك.

2) ئىبن ئەللان ئېيتىدۇ: «ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىشىنى ئاڭلىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەشتىن مەنئى قىلغان. چۈنكى، كىشى راسنىمۇ ئاڭلايدۇ، يالغاننىمۇ ئاڭلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشى ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى سۆزلىسە يالغان ئېيتقان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاڭلىغاننىڭ ھەممىنى ئېيتىش بىلەن بولمىغان ئىشلارنى بولدى دەپ خەۋەر قىلىپ سالىدۇ.

  1. سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بىرەر سۆزنى مېنى دېدى دەپ رىۋايەت قىلسا ئۇ يالغانچىلارنىڭ بىرىدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەرنى (ھەدىسلەرنى) ئېنىقلاش ۋە ئۇنى رىۋايەت قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ توغرۇلۇقىنى جەزملەشتۈرۈش.

2) يالغانچى دېگەن سۈپەت-يالغاننى توقۇغۇچى ۋە يالغاننى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىپ يۈرگۈچىلەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.

  1. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ، بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مېنىڭ بىر كۈندىشىم بار، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېرىم ماڭا بەرمىگەن نەرسىلەرنى داملاتسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بېرىلمىگەن نەرسىنى بەردى، دەپ داملاتقان كىشى يالغانچىلىقنىڭ ئىككى تونىنى كىيگۈچىگە ئوخشايدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنىڭ يوق ئىشلارنى بار دەپ ئېيتىشى ئۇنى يالغانچىلاردىن قىلىپ قويىدىغانلىقى.

2) مۇمكىنقەدەر ئىچى بىلەن تېشىنىڭ بىردەك بولۇشىغا تەرغىب قىلىنغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر