مۇسۇلمانلار

73 پىرقە كىم؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

1ـ ئەزان مەسچىتنىڭ سىرتىدا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن، تەكبىر مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى جامائەتكە نامازنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا جامائەت ئەزاننى ئاڭلاپ تەييارلىق قىلىپ مەسچىتكە يىغىلىپ بولغۇدەك بىر ۋاقىت بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

2 ـ نامازنىڭ ئۆز ۋاختىدا ئوقۇلماسلىقىغا ھېچبىر نەرسە سەۋەب بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇپتەننى ئۆز ۋاختىدا يەنى ئاخشامدا ئوقۇش كېرەك! نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇمىغاننىڭ گۇناھىدىن قانداق قىلسا قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا «شۇ كۈنى سەھەردە بومدات نامىزىغا ئەزان چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇۋالسىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغاننىڭ ئەجرى بولامدۇ؟» دەپ سوراش، (ئەگەر قەستەنلىك بولسا) دىننى مەسخىرە قىلغانلىقنىڭ، ئاللاھنى تونۇمىغانلىقنىڭ ۋە غەپلەتكە چۈمۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر!

3 ـ 73 پىرقە ھەدىسى زەئىپ ھەدىستۇر. زەئىپ ھەدىسقا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئىككى پىرقە بار؛ بىرى ئاللاھقا تەسلىم بولغان پىرقە، يەنە بىرى ئاللاھقا تەسلىم بولمىغان پىرقە. بۇلارنىڭ ئاۋۋالقىسى مۇسۇلمان، ئىككىنچىسى كاپىر دەپ ئاتىلىدۇ. دىنى ھۆكۈمنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئالمىغان ۋە بۇ توغرىدا پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەن كىشى (كىم بولسا بولسۇن) ئىككىنچى پىرقىدىن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقسىڭىز بۇ مەسىلىنى چۈشىنىسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر