مۇسۇلمانلار

68 – سۆزنى چۈشىنىشلىك قىلىش

 سۆز قىلغاندا سۆزنى چۈشىنىشلىك ۋە روشەن قىلىشنىڭ، قارشى تەرەپ بىر قېتىمدا چۈشۈنەلمىسە سۆزنى تەكرارلاشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا

قارشى تەرەپكە ئېنىق چۈشەندۈرۈش زۆرۈر بولغاندا، سۆزنى تەكرارلاش ئارقىلىق قارشى تەرەپتە چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەندە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن، سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر جامائە قېشىغا كەلگەندە سالامنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سالام ياكى سۆزنى باشقىلارنىڭ ئاڭلىيالماسلىقى ياكى چۈشىنەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىسە تەكرارلاشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى.

2) تەكرارلاشنىڭ ئۈچ قېتىم بولىدىغانلىقى.

3) ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ كىشىلەرگە تەلىم بېرىشى ۋە ئۇلارغا سۆز قىلىش ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەكلىكى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئېنىق سۆزلەيتتى. ئاڭلىغانلا ئادەم چۈشىنەلەيتتى. — ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاساھەتلىك ۋە كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان سۆز قىلىدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر