ب – كىتاب ۋە سۈننەت

ھېچبىر ئايەتتە كىتاب ۋە سۈننەت ئىپادىسى بىر يەردە تىلغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ سۈننىتى، ئاللاھ بەلگىلىگەن توغرا يولنى يەنى كىتاب ۋە ھېكمەتنىڭ تەتبىقلىنىش ساھەسىنى كۆرسىتىدۇ. كىتاب ۋە ھېكمەت تەتبىقلانمىغان يول، ئاللاھنىڭ سۈننىتى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا نىسا سۈرىسىنىڭ 26 – ئايىتىدە سۈننەت (يول) ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿يُرِيدُ اللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ٢٦﴾

«ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 26 – ئايەت).

سۈننەتكە بويسۇنۇش ئەڭ ئاۋۋال نەبىيلەرگە پەرزدۇر. ئاللاھنىڭ نەبىيلەرنى ئىنسانلارغا ياخشى ئۈلگە قىلىشىمۇ ئۇنىڭ سۈننىتىدۇر (نۇر 24/34، ئەھزاب 33/21، 38).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى زەيد، ئايالى زەينەبنى قويىۋەتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، بېقىۋىلىنغان بالىلارنىڭ قويىۋەتكەن ئاياللىرى بىلەن بىقىۋالغۇچى ئاتىلار نىكاھلانسا بولىدىغانلىقىنى مۇسۇلمانلارغا ئۆگىتىش ئىدى. بۇنداق ئىشنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىۋاستە ئەمىر قىلىپ، بۇ ئىشقا ئۈلگە بولۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە  ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدۇ:

﴿مَّا كَانَ عَلَى النَّبِيِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ اللَّهُ لَهُ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلُ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ قَدَرًا مَّقْدُورًا٣٨﴾

«نەبىي ئاللاھ ئەمر قىلغان ئىشنى قىلسا ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ھۆكۈمدۇر» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 38 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا سۈننەتكە بويسۇنمىغانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَّئِن لَّمْ يَنتَهِ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَالْمُرْجِفُونَ فِي الْمَدِينَةِ لَنُغْرِيَنَّكَ بِهِمْ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَا إِلَّا قَلِيلًا٦٠ مَّلْعُونِينَ أَيْنَمَا ثُقِفُوا أُخِذُوا وَقُتِّلُوا تَقْتِيلًا٦١ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلُ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا٦٢﴾

«ئەگەر مۇنافىقلار، قەلبىدە كېسەل بارلار ۋە مەدىنىدە يامان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلار قىلمىشلىرىدىن توختىمىسا سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇلار مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرالايدۇ. ئۇلار ئۇ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار تېپىلغان يەردە تۇتۇلۇپ قىرغىن قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى مۇشۇنداق. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 60 ~ 62 – ئايەتلەر).

پ – تەستىق

تەستىق – بىر نەرسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتۇر. قۇرئان، ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿نَزَّلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَأَنزَلَ التَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ٣﴾

«ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدىغان بۇ ھەق كىتابنى ساڭا نازىل قىلدى. ئاللاھ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنىمۇ نازىل قىلغان ئىدى‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 3 – ئايەت).

ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ، يېڭى كەلگەن ئەلچىگە ئىشىنىشىنىڭ بىردىنبىر شەرتى، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كىتابنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى كىتاب ۋە ھېكمەتنى تەستىقلىشىدۇر. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُم مِّن كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُّصَدِّقٌ لِّمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنصُرُنَّهُ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَى ذَلِكُمْ إِصْرِي قَالُوا أَقْرَرْنَا قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُم مِّنَ الشَّاهِدِينَ٨١﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ نەبىيلەردىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئەھدە بەردۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 81 – ئايەت).

ت – ئىسر (يۈك)

ئىسر – يېڭى كېلىدىغان ئەلچىگە ئىشىنىش ۋەزىپىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن ئىسر ۋەزىپىسى يوقالغاندۇر[1]. بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى نەبىي ۋە يېڭى كىتاب كەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا يولدا بولغان يەھۇدى ۋە خرىستىيانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنجِيلِ يَأْمُرُهُم بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنزِلَ مَعَهُ أُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ١٥٧﴾

«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر».‏» – (7 – سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت).

تەۋراتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق ئىپادىلەر تىلغان ئېلىنىدۇ:

«ئۇلارغا قېرىنداشلىرى (ئىسمائىلنىڭ ئەۋلاتلىرى) ئىچىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر چىقىرىمەن. ئۇنىڭ ئاغزىدىن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر. ئۇ ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا بىلدۈرىدۇ. مېنىڭ نامىم بىلەن سۆزلەيدىغان بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغانلارنى مەن جازالايمەن»-(تەسنىيە، 18 : 18، 19).

ئىنجىلدا مۇنداق ئىپادىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ:

«ھازىر مەن، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە بارىسىز؟» دەپ سورىمىدى. لېكىن سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار ھەسرەت بىلەن تولدى. سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتىمەن؛ مەن سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن كېتىشىم كېرەك. مەن كەتمىسەم، سىلەرگە ياردەمچى كەلمەيدۇ. ئۇ كېلىپ، دۇنياغا گۇناھ، دۇرۇسلۇق ۋە كەلگۈسىدىكى مەھكىمە (ھېساب-كىتاب) ھەققىدىكى جاۋابكارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. گۇناھ ھەققىدە – چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىشەنمەيدۇ؛ دۇرۇسلۇق ھەققىدە – چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مېنى كۆرەلمەيسىلەر؛ مەھكىمە ھەققىدە – چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پادىشاھى سوتقا تارتىلىدۇ. سىلەرگە دەيدىغان كۆپ سۆزۈم بار، لېكىن ھازىر بۇلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر. ئۇ يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كېلىپ، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆز خىيالىچە سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇ پەقەت ئاڭلىغانلىرىنى دەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە بىلدۈرىدۇ. ئۇ مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىدۇ»-(ئىنجىل يۇھاننا،16 / 5 – 14).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن ئىسر «إِصْر» يەنى يېڭى كېلىدىغان پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىش مەجبۇرىيىتى ئاخىرلاشقاندۇر. ئەمما ئىيسا ئەلەيھىسسالام ياكى مەھدىنىڭ دۇنيا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېتىقادنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئىسر «إِصْر» ئۇقۇمىنىڭ مەنىسىنى پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ زېھنىدىن ئۈچۈرۈپ تاشلىغاندۇر.

يەھۇدىلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا تۇزاق قۇرغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ٥٥﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كافىرلاردىن قۇتقۇزىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەت كۈنىگىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن تۇتىمەن. ئاخىرىدا ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرىمغا قايتىسلەر. ئۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 55 – ئايەت).

ئىيسا ئەلەيھىسسالام، ۋاپاتىدىن كېيىنكى تۇنجى سۆزىنى ئاخىرەتتە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ «ۋاپات قىلدۇرۇلىشى»، ئۆلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىلەلەيمىز:

﴿وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَهَيْنِ مِن دُونِ اللَّهِ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ إِن كُنتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ١١٦ مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ وَكُنتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَّا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنتَ أَنتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ١١٧ إِن تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ وَإِن تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ١١٨﴾

«ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېدىڭمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: «ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن.‏ مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.‏ ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 116 ~ 118 – ئايەتلەر).

بۇ ئايەتلەرنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، ئىيسانىڭ قىيامەت قايىم بولۇشتىن بۇرۇن دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قۇرئانغا زىت ئېتىقادتۇر.

بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر مەسىلە، قۇتقازغۇچى مەھدىنىڭ كېلىدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار مەھدى ئىسىملىك بىرىنىڭ چىقىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەسلىدە بۇمۇ دىن دۈشمەنلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر مەسىلىدۇر. بۇ ھەقتە ئىلگىرى سۈرۈلگەن رىۋايەتلەرنىڭ ھېچبىر ئاساسى يوقتۇر. چۈنكى ئاخىرقى نەبىي ۋە رەھبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشى بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن تاللىنىپ، كېلىدىغان بىشارەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگەندۇر. چۈنكى، ئۇ قىيامەت كۈنىگىچە بارلىق ئىنسانلارنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان، بارلىق ئىنسانغا يولباشچى بولالايدىغان، ئەمەل قىلغان ھەر كىشىنى زۇلۇمدىن ئادالەتكە چىقىرىدىغان قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلگەندۇر ۋە ئۆزىدىن كىيىنكى بارلىق ئىنسانلارنى ئۇنىڭغىلا ئەمەل قىلىشقا بۇيرىغاندۇر.

بۇنداق خاتا ئېتىقادلارغا چۈشۈپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى قۇرئاندىكى ئىسر (إِصْر) ئۇقۇمىنىڭ مەنىسىنىڭ توغرا چۈشەندۈرۈلمىگەنلىكى ۋە ئۇنتۇلدۇرۇلغانلىقىدۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا ئىسر (إِصْرًا)نى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە تۆۋەندىكى دۇئانى ئۆگىتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:

﴿… رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِنَا …٢٨٦﴾

«… رەببىمىز! بىزگە بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن…» – (2 – سۈرە بەقەرە، 286 – ئايەت).

داۋامى بار…

يازغۇچى: پروفىسسور ئابدۇلئەزىز بايىندىر  

[1] ئەھزاب 33 /40.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ