مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا ھۇد ئەلەيھىسسالام 1

قۇرئاندا ھۇد ئەلەيھىسسالام

ھۇد ئەلەيھىسسالام

1- ۋەزىپىسى

«بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. سىلەر بوھتانچى كىشىلەرسىلەر»-(11-سۈرە ھۇد، 50- ئايەت). «ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟  مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ»-(26-سۈرە شۇئەرا، 124~127- ئايەتلەر).

2- ھۇد ئالغان ۋەھىي

«سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ، يەنى نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە كەلمىدىمۇ؟ ئۇ كېيىنكىلەرنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار قوللىرىنى ئېغىزلىرىغا قويۇپ، «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى قەتئىي ئىنكار قىلىمىز، بىزنى چاقىرغان نەرسەڭلەردىن قاتتىق شەك قىلىۋاتىمىز!» دېدى. ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ توغرىسىدا شەك قىلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنى بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر، بىزنى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلغان نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتىسلەر. بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرۈڭلار» دېدى»-(14-سۈرە ئىبراھىم، 9-10- ئايەتلەر). «ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلاركى، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرسۇن ۋە قۇۋۋىتىڭلارغا قۇۋۋەت قاتسۇن. گۇناھكارلار بولغان ھالدا يۈز ئۆرۈمەڭلار»-(11-سۈرە ھۇد، 52- ئايەت). «سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر[1] كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ ياد ئېتىڭلاركى، ئۇ رەببىڭلار سىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى يارىتىلىشتا تېخىمۇ بەستلىك قىلدى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-(7-سۈرە ئەئراف، 69- ئايەت).

3- ھۇدنىڭ مۆجىزىسى

«ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ، ئاد ۋە سەمۇدنىڭ، ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ، مەديەن خەلقىنىڭ ۋە كۆمتۈرۈۋېتىلگەن شەھەرلەرنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى»-(9-سۈرە تەۋبە، 70- ئايەت). «ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ. بىز سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتىدىغان كىشىلەر ئەمەس، ساڭا ئىشىنىدىغان كىشىلەرمۇ ئەمەس»-(11-سۈرە ھۇد، 53- ئايەت). «ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ توغرىسىدا شەك قىلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنى بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر، بىزنى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلغان نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتىسلەر. بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرۈڭلار» دېدى. كەلگەن ئەلچىلەر ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بىز سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز بىزنىڭ سىلەرگە دەلىل كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن»-(14-سۈرە ئىبراھىم، 10~11- ئايەتلەر).

4- ھۇد قەۋمىگە كەلگەن باشقا ئەلچىلەر

«ئى مۇھەممەد! ئادنىڭ قېرىندىشى (ھۇد)نى زىكىر قىلغىن[2]. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئۆتتى. ئۇ ئۇلارغا: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى»-(46-سۈرە ئەھقاف، 21- ئايەت). «ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئالدىلىرىدىن ۋە ئارقىلىرىدىن كېلىپ[3]: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار» دېگەندە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەر چۈشۈرەتتى. بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشكەن ئىدى»-(41-سۈرە فۇسسىلەت، 14- ئايەت).

5- يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ مۇئامىلىسى

«ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەقلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز، ھەمدە سېنى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز» دېدى. ھۇد ئېيتتى: «قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئەخمەقلىق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. مەن سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەتچىمەن. سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ ياد ئېتىڭلاركى، ئۇ رەببىڭلار سىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى يارىتىلىشتا تېخىمۇ بەستلىك قىلدى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».ئۇلار: «سەن بىزگە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىز ۋە ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن مەبۇدلارنى تەرك ئېتىشىمىز ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىرلا بېشىمىزغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى»-(7-سۈرە ئەئراف، 66 ~ 70- ئايەت).

6- ئىلاھلىرى

«ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم رەببىڭلار تەرىپىدىن پاسكىنىلىق ۋە غەزەپ چۈشىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا – بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملار توغرىسىدا مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتكۈچىلەردىنمەن» دېدى.شۇنىڭ بىلەن بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە مۇئمىن بولمىغان كىشىلەرنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق»-(7-سۈرە ئەئراف، 71 ~ 72- ئايەتلەر).

7- قەۋمىنىڭ ئالاھىدىلىكى

«ئاد بولسا، زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدى ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلاتتى»-(41-سۈرە فۇسسىلەت، 15- ئايەت). «شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ – قۇۋۋەتلەرنى بەردۇق. ئۇلارغا ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللارنى ئاتا قىلدۇق. لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى»-(46-سۈرە ئەھقاف، 26- ئايەت). «سىلەر ھەر ئېگىز جايغا ئويۇن – تاماشا ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىنا سالامسىلەر؟  ئۆلمەسلىك ئۈمىدى بىلەن مۇستەھكەم سارايلار سالامسىلەر؟  جازالىساڭلار، زۇلۇم قىلغان ھالدا جازالايسىلەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەرگە، سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان زاتقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئۇ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە ئوغۇللار ئاتا قىلدى. باغلار ۋە بۇلاقلار بەردى. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن».  ئۇلار مۇنداق دېدى: «ۋەز – نەسىھەت قىلامسەن ياكى ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتى، خالاس. بىزگە ھەرگىزمۇ ئازاب قىلىنمايدۇ»-(26-سۈرە شۇئەرا، 128 ~ 138- ئايەتلەر).

8- جەڭ ئېلان قىلىشى

«ئۇلار: «سەن بۇ يالغان سۆزلىرىڭ بىلەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ھازىرلا كەلتۈرگىن» دېدى. ئۇ: «ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. مەن ئۆزۈمگە تاپشۇرۇلغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. لېكىن مېنىڭچە سىلەر جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر» دېدى»-(46-سۈرە ئەھقاف، 22 ~ 23- ئايەتلەر). «ساڭا پەقەت: ‹سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ› دەيمىز». ھۇد ئېيتتى: «مەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن. سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن ئادا – جۇدامەن. يەنى مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىدىن ئادا – جۇدامەن. قېنى ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ئاندىن ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار. مەن مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم. ئاللاھ كوكۇلىسىدىن تۇتمىغان ھېچبىر جانلىق يوق[5]. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم توغرا يولدىدۇر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن ئەلچىلىكنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. رەببىم سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، رەببىم ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»-(11-سۈرە ھۇد، 54 ~ 57- ئايەتلەر).

9- ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ پوزىتسىيىسى

«كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرگە: «يا سىلەرنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋېتىمىز ياكى بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچىلەرگە رەببى مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «بىز زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز،  ئۇلاردىن كېيىن ئۇ يۇرتقا چوقۇم سىلەرنى يەرلەشتۈرىمىز. بۇ ياخشىلىق، ھۇزۇرۇمدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر».  ئەلچىلەر ئاللاھتىن فەتىھ تىلىدى ۋە ھەر تەرسا مۇستەبىت زىيانغا ئۇچرىدى»-(14-سۈرە ئىبراھىم، 13 ~ 15- ئايەتلەر). «بىز ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنى ھالاك قىلدۇق. بۇنى سىلەرگە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسقان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئىدى»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 38- ئايەت). «ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇدلەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى  ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. مۇسامۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. مەن ئۇ كافىرلارغا باشتا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟  بىز نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى زالىم ئىدى. ئۇ يۇرتلار يىقىلىپ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى. بىز نۇرغۇن قۇدۇقلارنى تاشلاندۇق، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك سارايلارنى ئىگە – چاقىسىز قىلىپ قويدۇق. مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن ئەقىل ئىشلىتەتتى، ياكى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلايتتى. شۈبھىسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ»-(22-سۈرە ھەج، 42 ~ 46- ئايەتلەر).

10- جازا

«كۆرمىدىڭمۇ: رەببىڭ ئاد قەۋمىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟  تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىگىسى ئىرەمگە؟- ئۇ شەھەرلەر ئىچىدە ئوخشىشى يارىتىلمىغان يۇرتتۇر»-(89-سۈرە فەجر، 6 ~ 8- ئايەتلەر). «بىز ئادنى، سەمۇدنى، رەسسىلىكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زامانلاردا ياشىغان نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىساللارنى بايان قىلىپ ئاگاھلاندۇردۇق ۋە ھەممىسىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق. بۇ مۇشرىكلار تاش ياغدۇرۇلغان يۇرتقا كەلدى. ئۇلار ئۇ يۇرتنى كۆرمەمدۇ؟ بەلكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ»-(25-سۈرە فۇرقان، 38 ~ 40- ئايەتلەر). «ئەنە شۇ ئاد قەۋمى. ئۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ھەر تەرسا مۇستەبىتنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى. ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى. ئۇلارغا ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم لەنەت قىلىندۇ. بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى رەببىگە كافىر بولدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يوقالسۇن ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد!»-(11-سۈرە ھۇد، 59 ~ 60- ئايەتلەر). «شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا شۇم كۈنلەردە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتتۇق. بۇنى ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن قىلدۇق. ئاخىرەت ئازابى بولسا تېخىمۇ رەسۋا قىلغۇچىدۇر. ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلىنمايدۇ»-(41-سۈرە فۇسسىلەت، 16- ئايەت). «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ئازابنى، ئۆزلىرىنىڭ ۋادىلىرىغا قاراپ كېلىۋاتقان كەڭ بۇلۇت ھالىتىدە كۆرۈپ، «بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان بۇلۇت» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياق، ئۇ سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر: ئەلەملىك ئازاب ئۆز ئىچىگە ئالغان شامالدۇر. ئۇ رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەر نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز»-(46-سۈرە ئەھقاف، 24 – 25- ئايەتلەر). «ئۇ بوران نېمىنىڭ ئۈستىگە كەلسە ئۇنى چىرىپ كەتكەن نەرسىدەك قىلىۋېتەتتى»-(51-سۈرە زارىيات، 42- ئايەت). «ئاللاھ ئۇ بوراننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يەتتە كېچە ۋە سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي چىقاردى. ئەگەر ئۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئۇلارنى خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك يېقىلغان ھالەتتە كۆرەتتىڭ. ھازىر ئۇلاردىن قېلىپ قالغان بىرەرىنى كۆرۈۋاتامسەن؟»-(69-سۈرە ھاققە، 7 – 8- ئايەتلەر). «مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟»-(54-سۈرە قەمەر، 21- ئايەت).

11- ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىشى

«ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت بىلەن قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى دەھشەتلىك ئازابتىن قۇتقۇزدۇق»-(11-سۈرە ھۇد، 58- ئايەت).

[1]  بۇ ئايەتتە ۋە 63  – ئايەتتە ئۆتكەن «زىكىر»نىڭ مەنىسى سىلەرنى غەپلەتتىن ئويغىتىدىغان كىتاب، سىلەرگە شان – شەرەپ كەلتۈرىدىغان قانۇن، سىلەرنى ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئۇقتۇرۇش دېگەن بولىدۇ.‏

[2]  ئاد قەۋمىنىڭ بۇ قېرىندىشى ھۇد ئەلەيھىسسالامدۇر (قاراڭ: 7- سۈرە ئەئراف، 65- ئايەت؛ 11- سۈرە ھۇد، 50- ئايەت).

[3]  بۇ ئىپادىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك مەنىسى بار: 1 – ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئۇلار ھەر تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە ھەر خىل ئۇسلۇب بىلەن ھەر پۇرسەتتە دەۋەت قىلغان. 2 – ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئۇلارنى ئوخشاش نەرسىگە يەنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر