مۇسۇلمانلار

كاپپارەت

لۇغەتتە «يۆگىمەك، ياپماق، يوشۇرماق، ئىنكار قىلماق» دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «كۇفر» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن كاپپارەت (كەففارەت) گۇناھ ۋە خاتالىقلارنى يۆگىگۈچى، كەمچىلىكنى تولۇقلىغۇچى قۇربانلىق، سەدىقە ۋە روزىدەك پائالىيەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ[1]. بۇ مەندىن ئېيتقاندا كاپپارەت تەۋبە قىلىشنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.    
ئىسلامدا قەسەم قىلىش ياخشى كۆرىلىدىغان ئىش ئەمەس. بىر ئىنسان قەستەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئاندىن بۇزىۋەتسە ئۇنىڭغا قەسەم كاپپارىتى كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلغان سۆزىگە ئەمەل قىلمىغان، ھەم قەسىمىگە ئەمەل قىلماي بىر گۇناھ ئىشلىگەن بولىدۇ. بۇ كاپپارەت بولسا ئۇنىڭ گۇناھىغا بېرىلگەن جازادۇر.
 قۇرئان كەرىمدە قەسەم كاپپارىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
﴿لاَ يُؤَاخِذُكُمُ اللّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ الأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلاَثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ وَاحْفَظُواْ أَيْمَانَكُمْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾
«ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىكتىن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. بۇنداق قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان تاماقنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدىن ئون مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر، ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى تاپالمىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. ئەنە شۇ قەستەن قەسەم قىلىپ بۇزغان چېغىڭلاردا، ئۇنىڭ كەففارىتىدۇر. قەسىمىڭلاردا تۇرۇڭلار. ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر»- مائىدە5/89.
يۇقىرىدىكى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك، قەسەم كاپپارىتى ئون مىسكىنگە تاماق ياكى كىيىم-كىچەك بېرىش، بىر قۇل ئازاد قىلىش ۋە بۇلارنى تاپالمىسا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ.
زىھار- لوغەت مەنىسى دۈمبە دېگەن بولىدۇ.
جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا (سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامنىڭ دۈمبىسىدەك) دېيىشى ئايالىنى ئۆزىگە ھارام قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ سۆز تالاقنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىناتتى. ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن ئايالغا زىيان كەلتۈرىدىغان بۇ شەكىلدىكى تالاقنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە ئايالىنىڭ ھەر قانداق بىر ئەزاسىنى ئۆزىگە نىكاھ قىلىش قەتئىي ھارام قىلىنغان (ئانىسى ياكى قىز قېرىنداشلىرى..)دەك بىر ئايالغا ئوخشىتىش ئارقىلىق ئايرىلىش قەسىمى ئىچكەن ئادەمگە كاپپارەت جازاسى يولغا قويدى.
زىھار قەسىمى ئىچكەن ئىنساننىڭ ئايالى بىلەن قايتا يارىشىپ قىلىشى ئۈچۈن تۆلەش ۋاجىب بولغان بۇ كاپپارەت فىقھىدا زىھار كاپپارىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
 ئەۋس ئىبن سامىت خۇتۇنى سۆئلەبنىڭ قىزى خەۋلەدىن زىھار قىلدى يەنى ئۇنى ئۆزىگە ھارام قىلىدى. خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا بۇ ئىشنى شىكايەت قىلدى. ئاندىن ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى چۈشۈرۈپ، زىھارنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمىنى ۋە كاپپارىتىنى بايان قىلدى.
 ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَالَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِن نِّسَائِهِمْ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُوا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مِّن قَبْلِ أَن يَتَمَاسَّا ذَلِكُمْ تُوعَظُونَ بِهِ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ. فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ مِن قَبْلِ أَن يَتَمَاسَّا فَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ فَإِطْعَامُ سِتِّينَ مِسْكِينًا ذَلِكَ لِتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾
«ئاياللىرىغا: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش» دېگەن، ئاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدىن يانغانلار ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قۇل ئازاد قىلسۇن. مانا بۇ سىلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. كىمكى تاپالمىسا، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتسۇن. كىمكى قادىر بولالمىسا، ئاتمىش مىسكىنگە تائام بەرسۇن. بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار»- مۇجادىلە 58/3-4.
بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك، زىھار كاپپارىتى بىر قۇل ئازاد قىلىش، بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش، بۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە، ئاتمىش مىسكىننى تويغۇزۇشتىن ئىبارەت.     
ئادەم ئۆلتۈرۈش شەكىللىرى ۋە جازالىرى:
1- قەستەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ جازاسى
بۇ ئاقىل، بالىغ بىر كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ ئادەتتە ئۆلتۈرگۈچى بولغان بىر نەرسە بىلەن بىر ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈشىدۇر. بۇنداق بىر قاتىلغا دىنىمىزدا ئىككى تۈرلۈك جازا بېرىلىدۇ:
بىرىنچى جازا دوزاختا مەڭگۈ قېلىش، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە لەنىتىگە ئۇچراش ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَنْ يَقْتُلْ مُؤْمِنًا مُتَعَمِّدًا فَجَزَاؤُهُ جَهَنَّمُ خَالِدًا فِيهَا وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَلَعَنَهُ وَأَعَدَّ لَهُ عَذَابًا عَظِيمًا﴾
«كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ ۋە لەنەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا بىر ئازاب تەييارلىدى»- نىسا 4/93.
ئىككىنچى جازا قاتىلنىڭ قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِصَاصُ فِي الْقَتْلَى الْحُرُّ بِالْحُرِّ وَالْعَبْدُ بِالْعَبْدِ وَالْأُنْثَى بِالْأُنْثَى فَمَنْ عُفِيَ لَهُ مِنْ أَخِيهِ شَيْءٌ فَاتِّبَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ وَأَدَاءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَانٍ ذَلِكَ تَخْفِيفٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَرَحْمَةٌ فَمَنِ اعْتَدَى بَعْدَ ذَلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ. وَلَكُمْ فِي الْقِصَاصِ حَيَاةٌ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾
«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش پەرز قىلىندى: ھۆرگە ھۆر، قۇلغا قۇل، ئايالغا ئايال. قېرىندىشى تەرىپىدىن قىسمەن ئەپۇ قىلىنغان كىشى مەرۇفقا ئەگىشىپ ئەپۇ قىلغان قېرىندىشىغا چىرايلىقچە دىيەتنى تۆلىشى لازىم. بۇ، رەببىڭلارنىڭ بىر ئاسانلاشتۇرۇشى ۋە بىر رەھىم قىلىشىدۇر. كىم بۇنىڭدىن كېيىن تاجاۋۇز قىلسا، ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب بار. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! قىساس ئېلىشتا سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بار. بۇ سەۋەب بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىسىلەر!»- بەقەرە 2/178-179.
ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەر كىشى قاتىلنى ئەپۇ قىلسا بۇ تەقدىردە قاتىل مەقتۇل تەرەپكە دىيەت تۆلەيدۇ. چۈنكى بۇ ھەقتە ھوقۇق مەقتۇلنىڭ ۋارىسلىرىغا بېرىلگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلاَ تَقْتُلُواْ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللّهُ إِلاَّ بِالحَقِّ وَمَن قُتِلَ مَظْلُومًا فَقَدْ جَعَلْنَا لِوَلِيِّهِ سُلْطَانًا فَلاَ يُسْرِف فِّي الْقَتْلِ إِنَّهُ كَانَ مَنْصُورًا﴾
 «ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىگىسىگە ھوقۇق بەردۇق. لېكىن ئۇ كىشى قىساس ئېلىشتا ھەددىن ئاشمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭغا يېتەرلىك ياردەم قىلىنماقتىدۇر»- ئىسرا 17/33.
قەستەنلىك ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ شەكلى ۋە قاتىلغا بېرىلىدىغان جازالار ئەنە شۇنداقتۇر.
2- قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ جازاسى
 بۇ ئاقىل، بالىغ بىر كىشىنىڭ ئازابلاشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ ئادەتتە ئۆلتۈرگۈچى بولمىغان بىر نەرسە بىلەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدۇر. مەسىلەن: ئاقىل، بالىغ بىر كىشى ئازابلاش مەقسىتى بىلەن باشقا بىر كىشىنى تاياق، تاش، قامچا ۋە مۇشت دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ بىرى بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى بۇ زەربىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتسە، مانا بۇ قەستەنلىك بىلەن ئەمەس، لېكىن قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكتۇر. بۇ شەكىلدە ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلغا دىنىمىزدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك جازا بېرىلىدۇ:
   1- ئېغىر دىيەت تۆلەش. بۇ دىيەت 40 دانىسى بوغاز (قورسىقىدا بالىسى بار) بولۇش شەرتى بىلەن 100 دانە تۆگىدۇر.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «دىققەت! قامچا بىلەن ياكى ھاسا بىلەن ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇرۇلغان كىشى ئۆلۈپ كەتسە بۇ قەستەنلىككە ئوخشايدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ دىيىتى 40 دانىسى بوغاز بولغان 100 تۆگىدۇر»[2].
2- كاپارەت بېرىش. بۇ مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر. ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ ئىككىنچى جازاسى مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر. بىر دەرىجە تۆۋەن جىنايەتكە بېرىلگەن بۇ جازا بىر دەرىجە يۇقىرى جىنايەتكە ئەلۋەتتە بېرىلىدۇ.
بۇ ئۆلتۈرۈشتە قىساس (قاتىلنى ئۆلتۈرۈش) كېرەك ئەمەس، چۈنكى بۇ قاتىل ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان. قاتىلنىڭ ئېغىر دىيەت تۆلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ قاتىل باشقىسىغا زىيانكەشلىك قىلىش نەتىجىسىدە بىر جانغا زامىن بولغان.
3- سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ جازاسى
بۇ ئاقىل، بالىغ بىر كىشىنىڭ ئادەتتە قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن بىر ئىشنى قىلىش ئارقىلىق بىر ئادەمنى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇشىدۇر. مەسىلەن: ئاقىل، بالىغ بىر كىشى بىر ئوۋغا ياكى بىر نىشانغا ئوق ئاتسا، بۇ ئوق بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، ئوق تەگكەن كىشى بۇ زەربىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتسە، ياكى ھايۋان ۋە قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قىسماق، تۇزاق دېگەندەك نەرسىلەرنى قۇرغان بولسا، ياكى بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن سۇغا تور سالغان بولسا، ئاندىن بۇنداق نەرسىلەرگە ئادەم چۈشۈپ قىلىپ ئۆلۈپ قالسا، بۇ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ. بۇ شەكىلدە ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلغا دىنىمىزدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك جازا بېرىلىدۇ:
1- بىر مۇئمىن قۇل ئازاد قىلىش،
2- نورمال دىيەت تۆلەش.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَن يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلاَّ خَطَئًا وَمَن قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَئًا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُّؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُّسَلَّمَةٌ إِلَى أَهْلِهِ إِلاَّ أَن يَصَّدَّقُواْ﴾
«بىر مۇئمىننىڭ بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشىگە ھەددى ئەمەس. بۇ پەقەت سەۋەنلىك بىلەن بولۇشى مۇمكىن. كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ۋارىسلار دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ»- نىسا 4/92.
ئەسكەرتىش:
 ئېغىر دىيەت يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك پەقەتلا تۆگىدىن بولىدۇ. بۇ دىيەتتە تۆگىلەرنىڭ سانى 100 بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە 40 تۆگىنىڭ بوغاز بولۇشى شەرت[3].
نورمال دىيەت تۆگە ئىگىلىرىگە 100 تۆگە، كالا ئىگىلىرىگە 200 كالا، قوي ئىگىلىرىگە 2000 قوي، كىيىم ئىگىلىرىگە 200 يۈرۈش كىيىمدۇر[4].
ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرام باغلىغان كىشىلەرگە بىر قىسىم چەكلىمىلەر بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ چەكلىمىەرنى قىلغان كىشىلەرگە كاپپارەت بېرىش لازىم بولىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ چەكلىمىلەرنى شۇنداق بايان قىلىدۇ:
﴿وَلاَ تَحْلِقُواْ رُءوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ ٱلْهَدْىُ مَحِلَّهُ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مّن رَّأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مّن صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ﴾
«باشلىغان ھەج ۋە ئۆمرەڭلەرنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار. ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغىنىنى ئەۋەتىڭلار. بۇ مال جايىغا يەتمىگۈچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. لېكىن ئىچىڭلاردىن بىرى كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى بېشىدىن بىر ئەزىيەت چەككەنلىكى ئۈچۈن ۋاقتىدىن ئىلگىرى بېشىنى چۈشۈرسە بىر فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە، روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر»- بەقەرە2/196.
بۇ ئايەتتە ئېھرام باغلىغان كىشىنىڭ ئېھرامدىن چىقىشتىن بۇرۇن چاچ-ساقالنى چۈشۈرسە فىديە بېرىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ فىديەنىڭ روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
كەئبى ئىبن ئۇجرە مۇنداق دېدى: مەن يۈزلىرىم پىت بىسىپ كەتكەن ھالەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يىنىغا كەلگەن ئىدىم. ئۇ سەن بەك قىينىلىپ كىتىپسەن، قوي تاپالامسەن؟ دېدى، مەن ياق دېدىم. ئۇ، ئۇنداق بولسا (ئۈچ كۈن روزا تۇت ياكى ئالتە مىسكىننى تويغۇز ۋە بېشىڭنى چۈشۈرۋەت) دېدى. بۇخارى/4517. 
 پەيغەمبەر (ئە.س) بۇ ھەدىستە، كاپپارەتنىڭ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ئالتە مىسكىننى تويغۇزۇش ياكى بىر قوي قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. لېكىن بۇ روزىنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ كۈن تۇتۇش شەرت ئەمەس.
ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغۇچىنىڭ ئېھرامدىن چىققۇچە ئوۋ ئوۋلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَقْتُلُواْ الصَّيْدَ وَأَنتُمْ حُرُمٌ وَمَن قَتَلَهُ مِنكُم مُّتَعَمِّدًا فَجَزَاء مِّثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِّنكُمْ هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّارَةٌ طَعَامُ مَسَاكِينَ أَو عَدْلُ ذَلِكَ صِيَامًا لِّيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِ عَفَا اللّهُ عَمَّا سَلَف وَمَنْ عَادَ فَيَنتَقِمُ اللّهُ مِنْهُ وَاللّهُ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ﴾
 (ئى مۇئمىنلار! ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئوۋنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن ئۇ كىشى ئۆلتۈرگەن ئوۋغا تەڭ كېلىدىغان بىر ھايۋاندۇر. بۇنىڭغا سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ھايۋاننى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىش لازىم. ياكى مىسكىنلەرگە تائام بېرىش كەففارىتىدۇر، ياكى ئۇنىڭ باراۋىرىگە روزا تۇتۇشتۇر. بۇ جازا ئۇ كىشىنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئىلگىرىكى گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلدى. كىمكى قايتا گۇناھ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر)- مائىدە 5/95.
ئاللاھ تەئالا رامزان روزىسى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾
«ﺋﻰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺯﺍ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ» -بەقەرە 2/183.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن رامزان ئېيىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزۈش بارلىق مۇئمىنلارغا پەرزدۇر. لېكىن ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدا:
﴿…فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ…﴾
 «…ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ…»-بەقەرە2/184. دەپ ئىككى تۈرلۈك مۇئمىنغا رامزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماي كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش رۇخسىتى بەرگەن. دېمەك، يولۇچى ۋە كېسەل كىشىدىن باشقا ھېچبىر مۇئمىننىڭ رامزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى يوق.
رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، رامزان كۈنلىرى «تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇش» دېمەكتۇر. بۇ، پەرزدۇر. بۇ پەرزنى ئادا قىلىۋاتقان يەنى روزا تۇتۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا بىر نەرسە يېيىشى، بىر نەرسە ئىچىشى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى ھارامدۇر، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر، چوڭ گۇناھتۇر.
پەيغەمبەر (ئە.س) مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامزاندىن بىر كۈننىڭ روزىسىنى ئۆزرىسىز ۋە كېسەللىكسىز سۇندۇۋەتسە، ئۇ بىر كۈننىڭ ئورنىغا ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئادا بولمايدۇ»[5].
بۇ ھەدىسقا ئاساسەن رامزاندا بىر كۈنلۈك روزىسىنى قەستەن سۇندۇرۇۋاتقان بىر كىشى، پۈتۈن ھاياتى بويىچە قازا روزا تۇتسىمۇ ئۇ بىر كۈنلۈك روزىسى ئورنىغا كەلمەيدۇ.
 ئۇ كىشىنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋە سەدىقە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ إِنَّ صَلاَتَكَ سَكَنٌ لَّهُمْ وَاللّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ. أَلَمْ يَعْلَمُواْ أَنَّ اللّهَ هُوَ يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَأْخُذُ الصَّدَقَاتِ وَأَنَّ اللّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ﴾
«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۇبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغان، سەدىقىلەرنى ئالىدىغان زات ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ رەھىم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟»-تەۋبە 9/103-104.
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن بىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى ئەگەر ئۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلسا كۈچىنىڭ يېتىشىچە (پېقىر – مىسكىنلەرگە) سەدىقە قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر رامزاندا پەيغەمبەر (ئە.س) مەسچىتتە ئىدى، بىر كىشى يېنىغا كېلىپ: يا رەسۇلەللاھ! «كۆيدۈم، كۆيدۈم» دېدى. رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «ئايالىم بىلەن بىر يەردە بولدۇم» دېدى. رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «سەدىقە بەرگىن» دېدى. ئۇ ئادەم: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ھېچ نەرسەم يوق، سەدىقە بېرىشكە قادىر بولالمايمەن» دېدى. پەيغەمبەر (ئە.س): «ئولتۇر، ئولتۇر» دېدى، ئادەم ئولتۇردى. بۇ ئەسنادا بىر كىشى ئۈستىگە يېمەكلىك يۈكلەنگەن بىر ئېشەك ھەيدەپ كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر (ئە.س): «بايا كۆيگەن ئادەم نەدە؟» دېدى. ئادەم ئورنىدىن تۇردى، پەيغەمبەر (ئە.س): «بۇنى ئالغىن ۋە سەدىقە قىلىپ تارقاتقىن» دېدى. ئادەم: «يا رەسۇلەللاھ! بىزدىن باشقىسىغا سەدىقە قىلامدىم؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئاچ قالغۇچىلارمىز، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىز يوق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر (ئە.س): «ئۇنداق بولسا، ئۇنى سىلەر يەڭلار» دېدى[6].
بۇ ئادەمنىڭ پەيغەمبەر (ئە.س) مەسچىتتە ئولتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يېنىغا كېلىپ: «يارەسۇلەللاھ! كۆيدۈم، كۆيدۈم» دېيىشى، ئۇنىڭ تەۋبە قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ ئۇ ئادەمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ: «سەدىقە بەرگىن» دېيىشى بىر گۇناھتىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ كۈچى يەتسە سەدىقە قىلىشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ ئۇ ئادەمنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ ئادەمگە: «ئۇنداق بولسا، ئۇنى سىلەر يەڭلار» دېيىشى، كۈچى يەتمىگەنلەرنىڭ سەدىقە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ…»-بەقەرە 2/286.

[1] مەھمەت قاتار «كەففارەت»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئەنقەرە 2002، 25- جىلد، 177- بەت.

[2] ئەبۇ داۋۇد، قەسامەت 4800؛ نەسائى، قەسامەت 4791 ؛ ئىبن ماجە، دىيات 5/ 2627.

[3]ئەبۇ داۋۇد، دىيات 4547.

[4]ئەبۇ داۋۇد، دىيات 4543.

[5]  بۇخارى، سەۋم 29.

[6]بۇخارى ھۇدۇد 26، سەۋم 29؛ مۇسلىم، سىيام 87؛ ئەبۇداۋۇد، سەۋم 37

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر