مۇسۇلمانلار

ھامىلىدارلىقنىڭ مۇددىتى

ھامىلىدارلىقنىڭ مۇددىتى
ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 233- ئايىتى بىلەن لۇقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىدە  ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ ئىككى يىل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىدە ئانىنىڭ بالىسىغا ھامىلىدارلىق ۋاقتى بىلەن ئۇنى ئېمىتىش مۇددىتىنىڭ 30 ئاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 30 ئايدىن 2 يىلنى چىقارساق 6 ئاي قالىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ئاي قەمەرىيە ھېسابى بىلەن ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ 6 ئاينىڭ 3 ئېيى 29 دىن، 3 ئېيى 30 دىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ 6 ئاي 177 كۈن بولغان بولىدۇ.
دېمەككى، ھامىلە ئانىسىنىڭ قورسىقىدا روھ پۈۋلىنىپ ئىنسان ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن 6 ئاي (يەنى 177 كۈن) قالىدۇ. ئانىسىنىڭ ئۇنى «قورسىقىدا ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈرگەن(لۇقمان 14)» ۋاقتىمۇ بۇ 6 ئايدۇر. بۇ 6 ئايدىن ئىلگىرىكى ۋاقىت ئۇنىڭ شەكىلدىن شەكىلگە كىرىپ ئاخىرى ئىنسان شەكلىنى ئېلىش باسقۇچلىرىدۇر. ئۇ تولۇق ئىنسان شەكلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «باشقا بىر مەخلۇق(مۇئمىنۇن 14)»قا يەنى ئىنسانغا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ باسقۇچلار مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 12-، 13- ۋە 14- ئايەتلىرىدە بايان قىلىنىدۇ.
بۈگۈن مۇتەخەسسىس تېببىي تەتقىقاتچىلار نورمال ھامىلىدارلىق مۇددىتىنىڭ 40 ھەپتە بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 280 كۈنگە ياكى 9 ئاي 10 كۈنگە تەڭ كېلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ 280 كۈندىن 177نى چىقارساق 103 كۈن قالىدۇ. بۇ 103 كۈن، 102 بىلەن 105 كۈن ئارىسىدا ئۆزگىرىدۇ. بۇنى ھەپتە بىلەن ھېسابلىساق 15- ھەپتىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھامىلىدارلىق تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشى بىلەن باشلانغاندىكى ھېسابتۇر. ناۋادا ھامىلىدارلىق تۇخۇمنىڭ تۇخۇمداندىن ئايرىلىپ رھىمگە مېڭىشى بىلەن باشلانسا، بۇ تەقدىردە روھنىڭ پۇھلىنىشى ئاز بولغاندا 118 كۈنگە كۆپ بولغاندا 120 كۈنگە توغرا كېلىدۇ. بۇنى ھەپتە بىلەن ھېسابلىساق 18- ھەپتىگە توغرا كېلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىكى 3 دانە 40 كۈن بۇنى كۆرسىتىدۇ.       

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر