مۇسۇلمانلار

ئەرەبنىڭ توغرىمۇ بىزنىڭمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سوئال:
مەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئىچكىرىدە  تۇرۇۋاتقاندا ئەرەب شەيخلىرى ئاچقان مەلۇم بىر توردا  تەمىنلەنگەن ناماز ۋاقتىغا ئاساسەن ناماز ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئىدىم. يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سېلىشتۇرۇپ قارىسام، يۇرتىمىزدا ئەسىر نامىزى مەزكۇر تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتىن بىرەر سائەتتىن ئارتۇقراق كېيىن ئوقۇلىدىكەن، خۇپتەن نامىزى يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق بۇرۇن ئوقۇلىدىكەن.
مەزكۇر تور بەتنى مەن ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر تونۇشۇمنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ ئىشلەتكەنىدىم. دىيارىمىزدىكى ئەسىر ۋە خۇپتەن ۋاقىتلىرىنى ئىمام-مەزىنلەر نېمىگە ئاساسەن بېكىتتى؟ ئېنىق بىلەلمىدىم.
ئەمدى ئاساسلىق مەسىلىگە كەلسەك، مەن مۇشۇ ئىككى نامازنى ھېلىقى تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ۋاقىتلاردا ئۆزۈم يالغۇز ئوقۇيمۇ؟ ياكى دىيارىمىزدىكى ئىمام-مەزىنلەر بەلگىلىگەن ۋاقىتلاردا جامائەتكە قوشۇلۇپ ئوقۇيمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
تور بېتىمىزدىكى «ناماز ھەققىدە ساۋات»، «قۇرئان-ھەدىستە بەش ناماز»، دېگەندەك ئەسەرلەر بىكارغا يېزىلمىغان. «ئۆي سالدىم تاشتىن، گەپنى قىلاي باشتىن» دېگەندەك ھەر قېتىم بۇ مەسىلىنى باشتىن باشلاپ چۈشەندۈرۈش ئېھتىياجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى ئۈچۈن ئەنە شۇ ئەسەرلەرنى يىللارچە ئىزدىنىپ يازغان ئىدۇق. بىزنىڭ بۇ توغرىدا بىلىدىغانلىرىمىز ئەنە شۇ ئەسەرلەردىكىلەردىن ئىبارەت.
ناماز ۋاقتى ھەر رايونغا قاراپ ئۆزگىرىدىغان نەرسە. سىزنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىدە تۇرۇپ ئوقۇيدىغان نامازلىرىڭىزنى ئەرەبلەر ياشاۋاتقان رايونلارغا قارىتا بېكىتىلگەن ياكى شۇ رايونلاردا بېكىتىلگەن ۋاقىتلاردا ئوقۇشىڭىز چوڭ بىر خاتالىقتۇر. چۈنكى ناماز ۋاقتى كۈننىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ھەر رايوننىڭ كۈنى پەرقلىق ۋاقىتلاردا چىقىدۇ، پەرقلىق ۋاقىتلاردا پاتىدۇ.
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كۆرسىتىلگەن بويىچە كۈننىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ھەر كىشى ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا ئۆز نامىزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ. چۈنكى كۈن كائىناتنىڭ تەبىئىي سائىتى بولغاچقا ئاللاھ تەئالا نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەنە شۇ تەبىئىي سائەت بىلەن بەلگىلىگەن، شۇنداقلا بىزنى بەش ۋاخ نامازنى شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇشقا بۇيرۇغان. بىز بۇ مەسىلىنى ھەر پۇرسەتتە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. تور بېتىمىزدە ئەڭ كۆپ مەلۇمات ناماز ھەققىدىدۇر.
ئەمدى ئاساسلىق مەسىلىگە كەلسەك، سىز ئۇ ئىككى نامازنى ھېلىقى تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىز يالغۇز ئوقۇسىڭىز بولمايدۇ. ئەكسىچە، دىيارىمىزدىكى ئىمام-مەزىنلەر بەلگىلىگەن ۋاقىتلاردا جامائەتكە قوشۇلۇپ ئوقۇشىڭىز كېرەك! «كونا مەھەللىگە يېڭى ئادەت» كەلتۈرۈشىڭىزگە بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر