مۇسۇلمانلار

يولدىشىمنىڭ سۆزى توغرىمۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئىلىم ئەھلىلىرى!
مەن ئۆز ئاتا-ئانام ھەمدە يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ رازىلىقى بىلەن تۇنجى توي قىلىپ، 2 بالىلىق بولۇپ، يولدىشىم بىلەن كىلىشەلمىگەنلىكتىن 3 يىلچە بولغاندا ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدۇق. ئىككى بالامنى ئاجراشقاندا يولدىشىم ئېلىپ قالغان ئىدى.
ھازىرغىچە ھېچقايسىمىز توي قىلمىدۇق. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ يېنىشىپ قېلىش ئويىمىز بولغاچقا، بىر نەچچە قېتىم پاراڭلاشقان بولساممۇ، نەتىجىدە پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقمىدى… يولدىشىم مېنى ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدىن چىرايلىقچە ئېلىپ كېتىش تەلىپىمگىمۇ قېتىلمىدى. يولدىشىم… مەن بارمايمەن، ئۆزىڭىز كېلىڭ ، ئاندىن ئۆي تۇتىمىز، دەيدۇ.
مەن مىنىڭ نىكاھىمغا دادام-ئانام، ئاكىلىرىم ئىگە بولمىسا، كىم ئىگە بولىدۇ، دېسەم، ئۆزىڭىز، دەيدۇ. مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايال كىشىنىڭ يېقىن ئەر-تۇغقانلىرى ئىگە بولماي ئوقۇلغان نىكاھى ھالال نىكاھ بولمايدۇ، دېگەن ھەدىسى بارغۇ؟، دېسەم، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان، ئايال كىشى قىز بالىنى كۆرسىتىدۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ چوكاننىڭ ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ئۆزى ئىگە بولالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتىلغان ھەدىس بار، دەيدۇ.
يولدىشىمنىڭ ئېيتقانلىرى ئورۇنلۇقمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
سىز يولدىشىڭىزدىن ئاجرىشىپ ئىددىتىڭىز توشقان ھامان ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىن چىقىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر باشقا ئايال بىلەن ئوخشاش (يات ئايال) بولىسىز. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 231- ئايىتى بىلەن تالاق سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كونا يولدىشىڭىز سىزگە توي قىلىش تەكلىپى قويسا، سىز خالىسىڭىز ۋە ئۆيدىكىلىرىڭىز قوشۇلسا ئۇنىڭ بىلەن، بولمىسا باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇرۇنقى يولدىشىڭىز سىز بىلەن قايتا توي قىلماقچى بولسا «نىكاھنىڭ شەرتلىرى» نى تولۇق ھازىرلىشى كېرەك. بۇ ئىشنى «يەڭ ئىچىدە» قىلىشقا بولمايدۇ.
دىنىمىز ئىسلامدا قىز بولسۇن، چوكان بولسۇن، ئايال كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇلار بولمىسا ئاكا-ئۇكىلىرى نىكاھلىنىشىغا قوشۇلمىسا ۋە ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىپ توي قىلىنمىسا، قىلىنغان نىكاھ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. يولدىشىڭىزنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشى كېرەك.چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار… مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار…»- بەقەرە 2/221.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە، ئەرلەرگە «ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار» دەيدۇ. سۆز ئاياللارغا كەلگەندە ئاللاھ تەئالا ئاياللارغا بىۋاسىتە «ئۇلارغا تەگمەڭلار» دېمەستىن، ئۇلارنىڭ ۋەلىيلىرىگە «مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزىدىن، مۇئمىن ئاياللارنى ۋەلىيلىرى ياتلىق قىلمىسا، ئۇلار ئۆزلىرى چاغلىشىپ ياتلىق بولالمايدىغانلىقى ئېنىق چىقىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەر قانداق ئايال، ۋەلىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تەگسە، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر. يەنى ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر…»- (ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 20/2083؛ تىرمىزى، نىكاھ 14/1102؛ ئىبنى ماجە، نىكاھ 15/1879؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/66).
     ھەدىسنىڭ ئارگىنال تېكىستىدىكى ئەييۇما ئىمرەئەتىن («أَيُّمَا امْرَأَةٍ») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ھەرقانداق ئايال» دېگەن بولىدۇ. «ھەر قانداق» دېگەن سۆز داۋامىدا كەلگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ ئۆز جىنسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى «ھەر قانداق ئايال» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «قىز بولسۇن، چوكان بولسۇن، ئايال جىنسىگە تەۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى» دېگەن بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر