مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېىرىك 10

ئۈچىنچى بۆلۈم
ئەھلى كىتابقا كۆڭۈل بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلار
 ئەبۇ سەئىد ئەل-خۇدرىينىڭ رىۋايەت قىلىشىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«شۈبھىسىزكى، سىلەر سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ يوللىرىغا غېرىچمۇغېرىچ، گەزمۇگەز ئەگىشىپ كېتىسىلەر. ھەتتا ئۇلار بىر كېلەرنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن بولسا يەنىلا ئۇلارغا ئەگىشىسىلەر» دېدى. بىز: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارمۇ؟» دېۋىدۇق، ئۇ: «ئۇلاردىن باشقا كىم بولاتتى؟» دېدى[1].
زامانىمىزدا يەھۇدىيلارغا قارىغاندا خرىستىئانلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈكرەك بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندە دىنىي تۈسكە ئىگە بەزى تەرىقەتچى گۇرۇھلار بىلەن كاتولىكلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىمىز.
 ئە- شېرىكنى رەت قىلىدىغاندەك كۆرۈنۈش
كاتولىكلارنىڭ كۆز قارىشىدا شېرىك ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر. «بىرىنچى بۇيرۇق شېرىك كەلتۈرۈشنى چەكلەيدۇ. ئاللاھتىن باشقا تەڭرىلەرگە ئىشىنىش ۋە يېگانە بولغان ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش چەكلىنىدۇ. بۇتلار رەت قىلىنىدۇ»[2]. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئاڭلىغىن ئى ئىسرائىللار! بىزنىڭ ئاللاھىمىز بولغان رەب، يېگانە رەبتۇر»- (مارقۇس 12/29).
ئىيسا مۇنداق دېگەن: «رەببىڭلار بولغان ئاللاھقىلا چوقۇنۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار»- (لۇقا 4/8).
ئىنجىلدا مۇشۇنداق يېزىلغان بولۇشىغا قارىماي، خرىستىئانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن 4 ئەسىر كېيىن ئۆزلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىغا ۋەسىلە تەڭرىلەر قويغان. مىلادىيىنىڭ 325- يىلى توپلانغان ئىزنىك كونسىلى ئىمان ئاساسلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «تەڭرىنىڭ يېگانە ئوغلى ئەزەلدە ئاتىدىن تۇغۇلغان، نۇردىن كەلگەن نۇر، ھەقىقىي تەڭرىدىن كەلگەن ھەقىقىي تەڭرى، يارىتىلماستىن ئاتا بىلەن ئوخشاش جەۋھەردىندۇر»[3].
كاتولىكلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەنلىكىنى، يەنى ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىك ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھتىن ئىبارەت بۇ ئۈچىنى يالغۇز بىر تەڭرىدەك كۆرسىتىشكە تىرىشقان. ئۇلار بۇنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «ھەممىگە قادىر ئاتا، ئۇنىڭ يېگانە ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھ يالغۇز بىرلا تەڭرىدۇر: ناھايىتى مۇقەددەس ئۈچ بىرلىك»[4].
لېكىن ئۇلار بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:
«تەڭرىدىكى كىشىلەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئوغۇل بولغان كىشى ئاتا ئەمەستۇر. ئاتا بولغان كىشىمۇ ئوغۇل ئەمەستۇر. مۇقەددەس روھ بولغان كىشى بولسا ئاتىمۇ ئەمەستۇر، ئوغۇلمۇ ئەمەستۇر. بۇلار ئەسلىدىن كەلگەن مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ»[5].
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ وَمَا مِنْ إِلَهٍ إِلَّا إِلَهٌ وَاحِدٌ وَإِنْ لَمْ يَنْتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ»
«ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلاردىن ئىبارەت بولغان كاپىرلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ»-مائىدە 5/73.
مۇسۇلمانلارنىڭ تەرىقەتچىلىرىگە نىسبەتەنمۇ شېرىك ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُأَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاءُ»
«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئاستىدىكى گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ»- نىسا 4/48.
قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر بېتىدە دېگۈدەك شېرىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بار. لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى ئاساسى تېما قىلغان مەنبەلەردە بۇ ئايەتلەر ئۈستىدە يېتەرلىك دەرىجىدە پىكىر يۈرگۈزۈلمىگەن. ھەتتا نۇرغۇن ئايەتلەرنىڭ ئۈستى گويا پەردىلەنگەن. نەتىجىدە بەزى تەرىقەتچىلەر شېرىك توغرىسىدا ئۆز يولىنى تاشلاپ خرىستىئانلارنىڭ يولىغا كىرىپ كەتكەن.
 ب- پەيغەمبەرنى ئىلاھلاشتۇرۇش
شەيتان ئاللاھقا مۇنداق دېگەن ئىدى:
«قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لَآتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ»
«سەن مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ تۈپەيلى مەن چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.
ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى شۈكرى قىلغۇچى كۆرمەيسەن»- ئەئراف 7/16-17.
شەيتان توغرا يولغا كىرگەنلەنلەرنى ئازدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. پەيغەمبەرنى ئىنساندىن ئۈستۈن كۆرسىتىش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تۇزاقلىرىدىن بىرى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىنسانىي شەيتانلارمۇ بار. پەيغەمبەرنى ئىنساندىن ئۈستۈن كۆرسىتىش ئاسان. چۈنكى ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىرى بولۇشىنى قوبۇل قىلىشتا زورلانغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَى إِلَّا أَنْ قَالُوا أَبَعَثَ اللَّهُ بَشَرًا رَسُولًا. قُلْ لَوْ كَانَ فِي الْأَرْضِ مَلَائِكَةٌ يَمْشُونَ مُطْمَئِنِّينَ لَنَزَّلْنَا عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ مَلَكًا رَسُولًا»
«ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت كەلگەندە ئىشەنمەسلىكىنىڭ بىرلا سەۋەبى بار. ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ: ‹ئاللاھ بىر ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟› دېگەن چۈشەنچىسىدۇر.
ئېيتقىنكى: ‹ئەگەر زېمىندا مېڭىپ يۈرۈيدىغانلار ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن بىر پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق›»- ئىسرا 17/94-95.
مەككىلىكلەر پەيغەمبىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەيرانلىقلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:
«مَالِ هَذَا الرَّسُولِ يَأْكُلُ الطَّعَامَ وَيَمْشِي فِي الْأَسْوَاقِ لَوْلَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مَلَكٌ فَيَكُونَ مَعَهُ نَذِيرًا»
 «بۇ قانداق پەيغەمبەر، تاماق يەيدۇ، بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولمىدى؟»-فۇرقان 25/7.
كۈنىمىزدە كۆپلىگەن كىشى تۆۋەندىكى ئايەت ئالدىدا ھەيرانلىقلىرىنى ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ:
«قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَى إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا»
 «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا، ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»- (كەھف 18/110) چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلاردىن ئۈستۈن بىر زات دەپ قارىلىپ كەلگەن.
خرىستىئانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى تەڭرى قىلىۋېلىشتى. بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرى توختىلىپ ئۆتتۇق. مەسىلەن: كاتولىكلارنىڭ كۆزقارىشىدا ئىيسا بولمىغان بولسا كائىنات يارىتىلمىغان بولاتتى. ئاسمانلاردا ۋە يەر يۈزىدە كۆرگىلى بولىدىغان-بولمايدىغان بارلىق نەرسىلەر، تەختلەر، سەلتەنەتلەر، ھاكىمىيەتلەر، ۋە ھۆكۈمرانلىقلار… قاتارلىق ھەممە ئىش ئۇنىڭ ۋەسىلىسى بىلەن يارىتىلغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان[6].
بۇ خاتا ئېتىقاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن. ئىنسانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بىر ھەدىستە ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبىرىمىزگە مۇنداق دېگەنلىكى دەۋا قىلىنىدۇ: «سەن بولمىغان بولساڭ كائىناتنى ياراتمىغان بولاتتىم»[7]. بەزى تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يارىتىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىكەن تۇنجى قېتىم ھەقىقەتى مۇھەممەدىييە يارىتىلغان، پۈتكۈل مەخلۇقات ئۇنىڭدىن يارىتىلغان،  ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان. ھەقىقەتى مۇھەممەدىييە نۇر بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئالەمنى يارىتىش قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىدۇر. بۇ نۇر ئۆلۈمسىز ۋە ئەبەدىي بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرنى «ئۆلدى» دېيىشكە بولمايدۇ. ھەقىقەتى مۇھەممەدىييە بار ۋە ئەزەلىيدۇر. ئۇ بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارنىڭ لەدۇننىي ۋە باتىنىي مەلۇماتلارنى ئالغان مەنبەدۇر، ئۇ ھەقتىن كەلگەن پەيزنىڭ خەلققە يېتىشىگە ۋەسىلە بولىدۇ»[8].
كاتولىكلارنىڭ كۆز قارىشىدا «مەسىھ ئىيسا ھەقىقىي ئاللاھ ۋە ھەقىقىي ئىنساندۇر. مانا بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىنسانلار بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا بىرلا ۋەسىلىدۇر»[9].
بەزى تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەنمۇ ئاللاھ بىلەن ھەقىقەتى مۇھەممەدىييە بىر ھەقىقەتنىڭ ئالدى ۋە ئارقا يۈزىدۇر[10]. ئۇلار بۇ ھەقتە مۇنداق بىر شېئىر ئوقۇشىدۇ:
«ئەھەد ئەھمەددۇر، كى مىم ئېتەر پەرق،
بۈتۈن ئالەم ئۇ مىم ئىچرە بولۇر غەرق.
ئەھەد يەنى ئاللاھتۇر»[11].
ئەھمەد مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندىمۇ ئۆتىدىغان ئىسملىرىدىن بىرىدۇر. «ئەھەد ئەھمەددۇر»، «ئەھەد يەنى ئاللاھتۇر» دېگەن سۆزنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى «ئاللاھ ئەھمەددۇر يەنى ئاللاھ مۇھەممەددۇر» دېگەن بولىدۇ. بۇ شېئىرغا قارىغاندا ئەھەد «أحد» بىلەن ئەھمەد «أحمد» نىڭ ئارىسىدىكى پەرق بىر مىم «م» ھەرپىدۇر. بۇ پەرق يېزىلىشتا بولۇپ ئەھمەدنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ پىكرىچە پۈتۈن ئالەم ئۇ مىم «م» نىڭ ئىچىدىدۇر!.. بۇ ئېتىقادنىڭ ئىسلام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقى ئېنىق. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا مُحَمَّدٌ إِلاَّ رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ»
«مۇھەممەد پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەر ئۆتتى»- ئال ئىمران 3/144.
«قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَى إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ فَاسْتَقِيمُوا إِلَيْهِ وَاسْتَغْفِرُوهُ وَوَيْلٌ لِلْمُشْرِكِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر›، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەڭلار. مۇشرىكلارغا ۋاي!»- فۇسسىلەت 41/6.
« قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا. قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا. إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ…»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ.
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق باشپاناھ تاپالمايمەن.
مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ…»- جىن 72/21–23.
داۋامى بار….

 

 


[1]– بۇخارى، ئىئتىسام بىلكىتابى ۋەسسۈننەتى، 14- باب، 7320- نومۇرلۇق ھەدىس؛ مۇسلىم، ئىلىم، 3- باب، 6 (2669)- نومۇرلۇق ھەدىس؛ ئىبنى ماجە، فىتەن، 17- باب، 3994- نومۇرلۇق ھەدىس.

 

[2]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 2112- پاراگراپ.

 

[3]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 242- پاراگراپ.

 

[4]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 233- پاراگراپ.

 

[5]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 254- پاراگراپ.

 

[6]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 331- پاراگراپ.

 

[7]– ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەجلۇنىي، كەشفۇلخەفا، بېيرۇت 1988/1408، 2- جىلد، 164- بەت. ئەجلۇنىي بۇ ئەسىرىنى خەلق ئارىسىدا ھەدىس دەپ بىلىنگەن سۆزلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ياغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇ كىتابتا كۆپ ساندا ئويدۇرما ھەدىس بار. بۇ ھەدىسمۇ ئويدۇرمىدۇر.

 

[8]– مەھمەت دەمىرچى،«ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە»، دىيانەت ئىسلام ئېنىسىكلوپېدىيەىسى ، 15- جىلد، 179-180.

 

[9]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 480- پاراگراپ.

 

[10]مەھمەت دەمىرچى،«ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە»، دىيانەت ئىسلام ئېنىسىكلوپېدىيەىسى، 15- جىلد، 179-180.

 

[11]ئەلىي رامازان دىنچ، ئىككى جاھان سەرۋەرى پەيغەمبەرى زىيشانىمىز، يېڭى دۇنيا ژورنىلى، 58- 59 سانلار، ئاۋغۇست- سېنتەبىر 1998، 32- بەت.
بۇ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ شەيخ (پىر) لىرىدىن بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئىلاھىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن كىشىدۇر. مەن بۇ يازمىنى ژورنالدا كۆرگەن كۈنى ئۇنى ئىستانبۇل گېدىكپاشادا بولغان بىر مۇرىدىنىڭ ئۆيىدە زىيارەت قىلىپ تېگىشلىك تەنبىھلەرنى قىلدىم. لېكىن ئۇ بۇنىڭ سۆيگۈدىن بولغانلىقىنى دەۋا قىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى ئاقلىدى. ئىنشائاللاھ ئۆلمەستىن بۇرۇن تەۋبە قىلار. گۇناھنى يېزىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تەۋبىنىمۇ يېزىپ قىلىشى كېرەك.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر