مۇسۇلمانلار

ئىنسان دېگەن نېمە؟

سوئال:            
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ھايۋان دېگەنچۇ؟
ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى نېمە؟ مۇھەممەد
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
ئىنسان بەدەن، جان ۋە روھنىڭ بىرلەشمىسىدىن ھاسىل بولغان بىر مەخلۇق بولۇپ، كۆزى بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرنى ۋە قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئاۋازلارنى تەھلىل قىلىپ، ئۇ نەرسىلەر ۋە ئۇ ئاۋازلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. ئىنساننىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئورگىنى ئۇنىڭ دىلىدۇر.
ھايۋان بەدەن بىلەن جاننىڭ بىرلەشمىسىدىن ھاسىل بولغان بىر مەخلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا روھ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرنى ۋە قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ئاۋازلارنى تەھلىل قىلىپ، ئۇ نەرسىلەر ۋە ئۇ ئاۋازلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. چۈنكى ھايۋاننىڭ يۈرىكى بار دىلى يوقتۇر. ئۇنىڭ يۈرىكى ۋۇجۇدىغا قان يوللايدۇ، خالاس.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئىنسانلاردا بولغان بۇ ئالاھىدىلىككە دالالەت قىلىدۇ:
«وَاللّهُ أَخْرَجَكُم مِّن بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لاَ تَعْلَمُونَ شَيْئاً وَجَعَلَ لَكُمُ الْسَّمْعَ وَالأَبْصَارَ وَالأَفْئِدَةَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
«ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار؛ سىلەرگە قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى بەردى. ئاللاھ سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ شۇنداق قىلدى»- نەھل 16/78.
«وَلاَ تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولـئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً»
«بىلمىگىنىڭگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى قۇلاق، كۆز ۋە دىل بارغۇ! بۇلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ»- ئىسرا 17/36.
«وَهُوَ الَّذِي أَنشَأَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلاً مَّا تَشْكُرُونَ»
«ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللەرنى بار قىلغان زاتتۇر. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»- مۇئمىنۇن 23/78.
«قُلْ هُوَ الَّذِي أَنشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلاً مَّا تَشْكُرُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى ۋە دىللەرنى بەرگەن زاتتۇر»- مۇلك 67/23.
مانا بۇ ئايەتلەردىكى «كۆز، قۇلاق ۋە دىل (السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ)» ئىنسانغىلا بېرىلگەن ئالاھىلىكلەردۇر. بۇلار ھايۋاننىڭ كۆز، قۇلاق ۋە يۈرەكلىرىدىن پەرقلىقتۇر. بۇ ئالاھىدىلىك ئىنسانغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدا روھنىڭ پۇۋلىنىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەت ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
«ذَلِكَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ {6} الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنسَانِ مِن طِينٍ {7} ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِن سُلَالَةٍ مِّن مَّاء مَّهِينٍ {8} ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلاً مَّا تَشْكُرُونَ {9}»
«ئەنە شۇ ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، مەرھەمەتلىكتۇر.
ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى.
ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى.
ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۇۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللەرنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»- سەجدە 32/6-9.
ئىنسان يامان ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، كۆزى توغرىنى كۆرمەيدىغان، قۇلىقى توغرىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ كەتكەندە ھايۋاندىن پەرقى قالمايدۇ، بەلكىدە ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر  بۇ مەناغا دالالەت قىلىدۇ.
«وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيراً مِّنَ الْجِنِّ وَالإِنسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لاَّ يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لاَّ يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لاَّ يَسْمَعُونَ بِهَا أُوْلَـئِكَ كَالأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُوْلَـئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ»
«شۈبھىسىزكى، بىز جىنلەردىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى جەھەننەم ئۈچۈن ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئىشىتمەيدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا ۋە قويغا ئوخشاش. ھەتتا ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەن. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر»- ئەئراف 7/179.
«أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلاً {43} أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلاً {44}»
«نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ! سەن ئۇ ئادەمنى توغرا يولغا كەلتۈرەلەمسەن؟
بەلكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار پەقەت تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، ھەتتا تېخىمۇ تۆۋەندۇر»- فۇرقان 25/43-44.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر