مۇسۇلمانلار

ئاشلىق ئېلىپ سېتىش

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال :
 مەن ئاشلىق ئېلېپ ساتىمەن. ئاشلىقنى ساقلاپ ساتسا بۇلامدۇ؟ ساقلاش ۋاقتى قانچىلىك؟ ئاشلىق ئېلىپ سېتىشقا بۇلامدۇ؟ ئابدۇرەشىت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئىنسانلارنىڭ ئوزۇق – تۈلۈكى ۋە كۈندىلىك زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسىلىرى بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇ نەرسىنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئاز قالسۇن ۋە باھىسى ئۆرلىسۇن دەپ ساتماي تۇرۇۋېلىش ئەرەبچىدە ئىھتىكار «الاحتكار» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرچىدا مونوپولىيىچىلىك دەيدۇ.
ئىھتىكار (مۇنوپولىيىچىلىك) نىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مەلۇم زاماننىڭ ئۆتىشى شەرت ئەمەس. بۇنى بىر كىشى بىر كۈندىمۇ قىلالايدۇ. مەسىلەن: باي بىر كىشى بىر بازارغا كىرگەن بۇغداينىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىپ ئاندىن ساتقىلى ئۇنىماي تۇرۇۋېلىشى، شۇنداقلا باھانىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىش قەتئىي ھارامدۇر.
ئىھتىكار «الاحتكار» نىڭ يەنى مونوپولىيىچىلىكنىڭ ھارام بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى كېرەك:
1- ئاشلىق سېتىۋالغۇچىنىڭ سېتىۋېلىپ ساقلىغان ئاشلىقى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولۇشى،
2- سېتىۋالغۇچى «ئاشلىقنىڭ باھاسى ئۆرلىسۇن، شۇ چاغدا ساتاي» دەپ پەيت كۈتۈپ تۇرغان بولۇشى،
3- ئىنسانلار شۇ نەرسىلەرگە موھتاج بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە سېتىۋېلىنغان بولۇشى.     

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر